قۇززات ئالتاي ياۋرۇپادا سەييارە لېكسىيە سۆزلەيدۇ

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يۈز كەرە يۈز پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇلى قۇززات ئالتاي ئەپەندىم ئىككى ھەپتىلىك ياۋرۇپا زىيارىتىدە بولىدۇ. ياۋرۇپانىڭ لوندۇن، مېيىنخۈن ، فىرانكىپورت، كۆلۈن، ئۈدرك قاتارلىق بىر قانچە شەھىردە ئايرىم -ئايرىم لېكسيە سۆزلەيدۇ

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يۈز كەرە يۈز پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇلى قۇززات ئالتاي ئەپەندىم ئىككى ھەپتىلىك ياۋرۇپا زىيارىتىدە بولىدۇ. ياۋرۇپانىڭ لوندۇن، مېيىنخۈن ، فىرانكىپورت، كۆلۈن، ئۈدرك قاتارلىق بىر قانچە شەھىردە ئايرىم -ئايرىم لېكسيە سۆزلەيدۇ. قۇززات ئالتاي ئەپەندىم بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى لېكسيەلىرىدە ئۆزىنىڭ يۈز كەرە يۈز پىروگىراممىسىنى ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تۇنۇشتۇرماقچى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ئىشلىرىغا ھەسسە قوشماقچى بولغان. قۇززات ئالتاي ئەپەندىم <بۇ ۋەتەن داۋاسىنىڭ بىر قىسمى> دىدى. بۇ پىروگىرامما ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۈنۈملۈك بىر مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ياۋرۇپادا باشلاش پىلانلانغان. قۇززات ئالتاي ئەپەندىمنىڭ زىيارەت تەرتىپى ۋە ۋاقىتلىرى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى: 23-چىسلا يەكشەنبە لوندۇن بىرىنچى بىكەت 28-چىسلا جۈمە مېيۇنخىن 30-چىسلا يەكشەنبە فىرانكىپورت 7-ئاينىڭ 1-چىسلا دۈشەنبە كۆلۈن 7-ئاينىڭ 2-چىسلا سەيشەنبە گوللاندىيەنىڭ ئۈترىخ بۇ لېكسيەلەر ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ھىساپلىنىدۇ. ياشلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن: ھىسسىياتخۇمار مىللەت

يە ئىيۇن 23 , 2019
ئىنسانشۇناسلىق بىلەن جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ كىيىنكى نەتىجىلىرىدىن بىرى مىللەتلەرنى «ئېتنىك مەنىدىكى مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت»، «سىياسىي مىللەت»دىگەن ئۈچ كاتېگورىيەگە ئاجرىتىش بولدى.

You May Like