قورغاس تۈرمىسىدىكى مۇشەققەتلىك بىر ئاي

مېنىڭ ئىسمىم ئاسان، بۈگۈن مېنىڭ تۈرمىدىن چىققىنىمنىڭ ئۈچۈنجى كۈنى، ئەمما يەنىلام قورغاستا تۇرىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ماڭا ئوخشىغانلارنىڭ قايتىدىن سولىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۇڭلاشقا مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىمنى سىلەرگە دەپ بېرىشنى ئويلىدىم.

ئاپتورى: ئاسان قورغاس (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-16

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

مېنىڭ ئىسمىم ئاسان، بۈگۈن مېنىڭ تۈرمىدىن چىققىنىمنىڭ ئۈچۈنجى كۈنى، ئەمما يەنىلام قورغاستا تۇرىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ماڭا ئوخشىغانلارنىڭ قايتىدىن سولىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۇڭلاشقا مەن بۇ بىر ئاي جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىمنى سىلەرگە دەپ بېرىشنى ئويلىدىم. ئۇلار مېنى تۇتسا تۇتسۇن ئەمما مەن كۆرگەنلىرىمنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرىمەن. بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى راست، ئەگەر مەن ھاياتلام بولسام سۆزلىگەنلىرىمگە گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايمەن.

مەن قائىدىسىز ماشىنا توقتاتتىم، رەسمىيەتلىرى ئاددىي بولۇپ، جەرىمانىسىنى تۆلەش بىلەن مەمۇرىي جازا تۈگەيدۇ. قاتناش چوڭ ئەترىتىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ باشقا خىلاپ قىلمىش خاتىرەڭ بار دەپ ئېلىپ كەتتى ۋە مېنى بىر تۆمۈر ئورۇندۇققا باغلاپ توختىماي « بىز سىنىڭ جىنايىتىڭنى ئېنىقلىدۇق، سەن يوشۇرىۋاتىسەن، تاپشۇرساڭ كەڭچىلىك، تاپشۇرمىساڭ تېخىمۇ ئېغىرلايسەن » دېدى. مەن ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇلار مېنى توك كالتەكتە ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋەتتى.

ھوشۇمغا كەلگەندە بېشىمغا قارا خالتا كىيگۈزۈلۈپ، قولۇم ئارقىغا قايرىلىپ كىشەنلەنگەن  ھالدا ماشىندا يۈرىۋاتاتتىم، ماشىنىدا ماڭا ئوخشىغان باشقا كىشىلەرمۇ بار ئېدى. ھەر بىرىمىزگە بىر ساقچى مەسئۇل بولۇپ يالاپ ماڭدى ۋە تۈرمە ساقچىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

بىز ئىچىدە يالىڭاچلىنىپ تەكشۈرۈلدۇق، ماڭا بىر مەھبۇسلار كېيىمى بېرىلىپ قاماق ئۆيىگە كىرگۈزدى، ئىچىدە 56كىشى بار ئىدى. بىلىشىمچە بىز يېنىڭ گۇناھ قىلغان جىنايەتچىلەر ئىكەنمىز، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن ئىككى قاتارياغاچ ئورۇندۇق بار بولۇپ كۈندۈزى ھەممىمىز ئۈستىدە ئولتۇراتتۇق، كېچىسى كۈچلۈكرەكى ئۈستىدە ياتاتتى، ئاجىز ئورۇقلىرى يەردە ياتاتتى .

ھەر بىر ئۆيدە ئىككى كىچىك چېلەك بار بولۇپ، بىرى كىچىك تەرەت ئۈچۈن يەنە بىرى چوڭ تەرەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، كۈچى بارلار ئاۋال تاھارەت قىلاتتى ئاجىزراقلار ئەڭ كەينىدە قىلاتتى، چىلەك تېزلا توشۇپ قالاتتى، بۇ سەۋەپتىن بەزىلەردە ياللۇغلىنىش بولاتتى.

بىزنىڭ ئۆز ئارا سۆزلىشىمىز چەكلىنەتتى، پەقەت بوش ئاۋازدا پىچىرلىشاتتۇق. بۇ پىچىرلاش جەريانىدا بۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن كەلگەنلىكى ئىچىدە پىراپىسور، خىتاي تىلى تەرجىمانى، تېلىۋىزىيە ئىستانسى رىياسەتچىسى، سودىگەر، ھۆكۈمەت خادىمى، سودىگەر، تارىخ تەتقىقاتچىسى ،خىرىستىئان مۇرتى، شامان دىنى مۇرتى، ئاتىست ۋە پارتىيە ئەزەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە قامىلىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى يەرلىك مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئۇيغۇر قازاق بولغاچقا قامالغان.

بىزنىڭ يەيدىغىنىمىز ھورنان بىلەن تۇرۇبا سۈيى

بىر ئاي ئىچىدە بىز سىرتىغا چىقىپ باقمىدۇق، تۈرمىنىڭ كىچىك دەرىزىسىدىن سىرتتىكى تامغا سىزىلغان 80 ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاينىڭ ۋە 20 ياشلاردىكى بىر ياشنىڭ قوللىرىدا كىچىك قىزىل بايراق تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا «ئىلغار كۇرسانت»، «ئۆگۈنۈش مەركىزى ئاۋانگارتى »دەپ يېزىلغان ئىدى ، ئىچىدە بىزگە قىزىل ناخشا ئېيتىشنى ۋە شىجىنپىڭنى ماختاپ ناخشا ئېيتىشنى ئۈگۈتىدۇ، تۈرمە ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە ياخشى يادلىساق تۈرمىدىن چىقالايدىكەنمىز.

بۇ تۈرمىنىڭ تۈزۈلمىسى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، خىتاي جىنايەتچىلەر كىرسە (ئاق چەككەن، پارا بەرگەن، جىنايەت قىلغان) قازاقلار بىلەن سوقۇشاتتى. ئۇلار سىلەر جىم يۈرمەي سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلار بىلەن بىزنىمۇ تۇتتى دەيتى، خىتاي مەھبۇس قازاقلارنى ئۇرسا تۈرمە ساقچىسى ئارلاشمايتى، ئەگەر قازاقلار خىتاينى ئۇرسا تۈرمە ساقچىسى قازاقنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋىتەتتى.

 ئۇ يەردە مەخسۇس سوراق ئۆيى بار، خۇددى قۇشخانىلاردا گۆش ئاسىدىغان ئىلمەكتەك ئىلمەكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، بىزنىڭ قولىمىز كىشەنلىنىپ شۇ ئىلغۇچلارغا گۆش ئاسقاندەك ئىسىپ قويىدۇ ۋە كالتەكلەر بىلەن گىلەم قاققاندەك ئۇرىدۇ، مەن ئۇ ۋاقىتتا ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن، ھوشۇمغا كەلسەم مەھبۇسلار ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپتۇ.

بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئۇ يەردە «ئەڭ ياخشى » ھېسابلىنىدۇ، تۆۋەنكى قەۋەتتە ئىماملار ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك دەپ تۇتۇلغانلار قامىلىدۇ، ھەربىر قاماقخانىدا 20-30غىچە كىشى قامىلىدۇ، ئىماملار ئۈچۈن مەخسۇس سوراق ئۆيى بار، بىر ئىمام ئورۇندۇقتا قوللىرىنى تىزىغا قويۇپ ئۈستىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ، تۆت خىتاي مەخبۇس ئۇنى كۆزىتىدۇ، بوينى ئازراق مىدىرلىسا ياكى ئاغزى مىدىرلىسا ئىچىدە دۇئا قىلىۋاتىدۇ دەپ خىتاي مەھبۇسلار تەرىپىدىن دۇمبالىنىدۇ، بۇ خىتاي مەھبۇسلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا قاماق مۇددىتى قىسقارتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ خىتاي مەھبۇسلار ئىماملارنى كۆزىتىشتە ئىنتايىن ئاكتىپ بولىدۇ.

«قويلارنى چىتىشتۇرۇش ئۆيى»

تۈرمىدە بىر ئۆي ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆينى «قوي چىتىشتۇرۇش ئۆيى » دەپ ئاتايدۇ، قامالغانلارنىڭ سىرتتىكى ئاياللىرى ھار ئالتە ئايدا بىر زىيارەتكە كېلىدۇ، ئۇ ئۆيگە كۈزىتىش كامىراسى ئورنىتىلغان، ئۇلار كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن تۈرمە ساقچىلىرى ئۇلارنى ھەرخىل تىللار بىلەن ھاقارەتلەيدۇ، مەن ياتقان بىر ئاي ئىچىدە 6قازاق ئايال بۇخىل شەكىلدە يولدىشى بىلەن كۆرۈشتى

مەن بىلىدىغان ئۆلۈم ۋەقەسى

 65 ياشلىق قازاق بوۋاي ئۇرۇپ ئۆلتۈرلىپ 30 مىنوتتىن كېيىن «قان بىسىمى قوزغىلىپ ئۆلگەن » دىگەن جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىپ بولدى، دېمەككى بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى، مېيىت ئائىلىسىگە تاپشۇرلۇپ بېرىلگەندە ئۆيىدىكىلەر مېيىتتىكى تاياق زەربىسىدىن بولغان كۆكلەرنى كۆرۈپ جىمجىت ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار ئەرز قىلسا ئۆزلىرىنىڭمۇ قامىلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيتى.

كېيىن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۆينى، ماشىننى ۋە بارلىق پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى سېتىپ مىنى ياندۇرۇپ ئەچىقتى، ئەمما ئۇلار ماڭا تۈرمىدىن چىققانلىق ئىسپاتىنى كېيىن بېرىمىز دەپ بەرمىدى، مەن قورغاستىن باشقا ھېچ يەرگە بارالمايمەن. چىگرا رايون ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇچقۇچى كۈزىتىش ئاپراتلىرى بار بولۇپ 4-5كىشى بىر يەردە تۇرسا كۈزىتىش ئاپراتى ئۇلارنىڭ يۇقۇرسىغا كېلىپ گەپلىرىنى تىڭشايدۇ، تونۇشلار مېنى كۆرسە مەندىن قاچىدۇ، مەن بىلەن سۆزلىشىش سەۋەپلىك سولىنىشتىن قورقىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قاچان تۇتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

بۇ يەردە مەندەك «يېنىك جىنايەت» قىلغان 10000دەك كىشىنى قويۇپ بەردى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېگىنى بويىچە بىز «دۆلەت تىلىنى پۇختا ئىگەللىگەن » تەربىيلەش كۇرسىنىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنمىز، ئەمما بىز ئۆزىمىز تەۋە رايوندىنمۇ چىقالمايمىز، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خەلقئارادىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كىلىدىكەن، تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەتكەندىن كېيىن تۈرمە ئاستىغا سېلىنىۋاتقان يەرئاستى تۈرمىلەرگە قامىشى مۇمكىن، تۈرمىدىن چىققان بەزى كىشىلەر ساراڭ بولۇپ قالدى.

مەن بۇ ئۇچۇرنى بەرگەنلىكىم سەۋەپلىك ئۆلتۈرلىشىم مۇمكىن، قانداقلا بولسام بىر ئۆلۈم بولغاچقا مەن بۇلارنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشنى تاللىدىم ۋە بۇ دىگەنلىرىمگە گۇۋاھلىق بېرىمەن .

بۇ يەر ھەرگىزمۇ تەربىيلەش مەركىزى بولماستىن يەرلىك مىللەتلەرگە قارتىلغان فاشىست جازا لاگىرى، بۇ يەرگە قامىلىشنىڭ دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تېزرەك كەلسە، ئەگەر بۇ فاشىست جازا لاگىرى تېزدىن تاقالمىسا يەرلىك مىللەتلەر ئېرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە منستىرى :ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىللە (1)

سە ئاپرېل 16 , 2019
ھادسۇن ئېنۇستىتۇتى «ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ ختتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسۋىتى»ناملىق يېغىن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،سۆزلىگۇچىلەر ياۋروپا ئېتتپاقى باش سكرىتارى جەپپە تىرانخولم مىككەلسۇن،ئامېرىكا دۆلەت مۇئاۋىن مۇداپىئە منستىرى راندال سچرايۋىر ،كارنىگ تىچلىق ئ‍نۇستىتۇتىدىن ئاشلى تەللىس ،ھادسۇن تەتقىقاتچىسى توماس داستىر بىرگ ،ھادسۇن تەتقىقاتچىسى لىسەلوت ئودگارد قاتارلىقلار بار،

You May Like