تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
يېقىندا ياخشى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ۋە ئاق كۆڭۈل بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ئائىلە زىياپىتىدە بولدۇم، ئۇلار بىر ياش ئائىلە بولۇپ، ئىككى قىزى بار ئىكەن، بىر قىزى مىنىڭ قىزىم شەھرىبانۇ بىلەن تەڭ ئىكەن، ئۆيگە كىرىشىمگە ماڭا ئۇيغۇرچە سالام بېرىپ خوش قىلىۋەتتى، قىزلار ئاپىسى ۋە دادىسىنىڭ يېنىدا پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ، نۇرغۇن گەپلەرنى سورايتتى، بىر-بىرى بىلەن تالىشاتتى، شۇ قەدەر تاتلىق ۋە بەختلىك ئىدىكى، ئۆزۈمنىڭ قىزى شۇنداق بەختلىك ياشاۋاتقاندەك يۈرىكىم يايراپ خوش بولۇپ كەتكەنىدىم، كىچىك قىز مېنى «تاھىر داداش» دېگىنىدە يۈرىكىم ئېغىزىمغا تىقىلىپلا قالدى. ئاتا-ئانىسى ھېس قىلدى، مىنىڭ ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە خۇددى ئۆزۈمنىڭ قىزىدەك ھاڭۋېقىپ زەن سېلىپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭمۇ يۈرىكى ئېزىلدى بولغاي، قىزنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: « تاھىرجان، قىزىڭىزنى ئەسلەپ كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى چاندۇرماي ئولتۇرىۋاتىسز، ئەمما بىز بىلىمىز، بىزمۇ بۇ تەرەپنى ئويلاپ، قىزلىرىمىزنى كۆرۈپ، كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولمىسۇن، ئائىلە خۇشاللىقىمىزنى كۆز-كۆز قىلغاندەك بولۇپ قالمىسۇن دەپ، سىزنى ئەسلى سىرتقا تاماققا باشلايلى دەپ ئويلىغان، ئەمما سىز ھەمىشە سىرتتا تاماق يەيسىز، شۇڭا ئۆي تامىقىنى سغىنغاندۇ دەپ ئۆيگە چاقىردۇق، مىللىتىمىز ئۈچۈن بەك غەيرەت قىلىۋاتىسىز، نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەيمەن، ئەمما چوقۇم بىر چارىسى بولىدۇ» دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى قانداق تەسەللى بىلەن چۈشۈرۈشنى بىلمەي توختىدى.
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئەڭ مۇھىم بىر نەرسىنى سالغان ئىدى. بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان، ھېسداشلىق قىلىدىغان، مۇھەببەت بېرىدىغان قىلىپ ياراتقان بولۇپ، بۇ ھاياتنى ئايلاندۇرىدىغان ئېنېرگىيە ئىدى، ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە بۇنداق نەرسىلەر ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك ئەتىۋار بولۇپ كەتكەنىدى، بىرسنىڭ مېنى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى قوللىمىسمۇ، خىزمەتلىرىمگە توسقۇنلۇق قىلمىسىلا، ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز سەكرەپ چىقىپلا ھاقارەت قىلمىسىلا، بەك چوڭ ياردەم قىلغاندەك ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. ئايال ساھىبخاننىڭ سۆزلىرى ماڭا ئىنسانلاردىكى ئەسلىدىكى شۇ سەمىمىي فىترەتنى ئەسلەتتى.
ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن: « رەھمەت، بۇ بالىلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولمىدى، ئەكسىچە ئۆز قىزىمنى كۆرگەندەك خوش بولدۇم، بۇ ئوماق قىزلار بولسىمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ياشىيالىغانلىقىدىن، ئەركىن دۆلەتتە نەپەس ئالالىغانلىقىغا خۇشال بولۇۋاتىمەن، سىلەرنىڭ بولسىمۇ پەرزەنتىڭلارنى ئۆزۈڭلار چوڭ قىلالىغانلىقىڭلار ئۈچۈن خوش بولۇۋاتىمەن. قىزىمغا كەلسەك، قىزىمنى باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى كۆرسەملا ئەمەس، ھەر قاچان، ھەر ۋاقىت ئەسلەيمەن، يولدا ماڭسام، ناخشا ئاڭلىسام، ئۇنى ئەسلىتىدىغان نەرسىلەر بەك جىق. پات-پات قىزىمغا ئېيتىپ بەرگەن، ئۆزۈم توقۇغان ھېكايىلەرنى ئەسلەيمەن… ئەمما بۈگۈن خۇشال ئولتۇرايلى» دېدىم مەن.
ئۆي ئىگىسى ساھىبخان ئاغىنەم ئېغىز ئاچتى: -ئاداش، قېزىڭلىنى ئېلىپ چىقىشقا بىر بەل باغلىمامسلەر؟ ھەر قانداق ئىشقا ئامال تېپىلىدۇ- دېدى ئۇ.
– مەنمۇ خىلى ئىزدەندىم، ھېچ بىر تۈزۈك چارە چىقمىدى شۇ.
-ئاداش، قىزىڭلار ئۇ يەردە دادىسىز تۇرسا بولمايدۇ، ئۇ يەر قىز بالىغا بولمايدۇ.
– مەن بىلىمەن ،ئاداش، ماڭا ئۇ يەردە قىز بالا دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى ئەسلەتمەڭلار…
– ئاداش، ھەر ئادەملەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ چىقتى، بىر ئوبدان ياشاۋاتىدۇ، سىلىمۇ بىر ئىنسان، چوقۇم ئامال قىلالايسىلەر، قاراڭلار، ھەر چوڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاگەرلەرنىڭ تۇغقانلىرى، بالا-چاقىلىرى قېشىدا، بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ چىقتى، يەنە نۇرغۇن جامائەتتىن نېرى ياشايدىغان، سىياسەتتىن قاچىدىغانلارنىڭمۇ ئائىلىلىرىنى ئېلىپ چىققان ئىشلارنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. ۋەتەندىن چىقىۋاتقان، سودا ، ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيەلەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ دوۋيىندىن كۆرۈۋاتىمىز ئاداش. بىزدەك ئادەملەر بالىلىرىمىز، ئائىلىمىز بىلەن ياشاۋېرىمىز، سىلىگە بىر داستىخاندا يىلدا بىرەر قېتىم ھەمراھ بولىمىز، شۇ سىلە يالغۇز قېلىۋېرىسلە، شۇڭا ئاداش، ئائىلىمۇ قۇرۇڭلار، قىزىڭلىنىمۇ ئېلىپ چىقىڭلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇتىغا چىڭ ئېسىلىڭلار، ئادۋوكاتتىن بىرنى مەخسۇس ئىلىڭلار، خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئېمەيىل يېزىۋېرىڭلار، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتۋېرىڭلار، ئىشقىلىپ بىر يەردىن چىقىدۇ.
………..
سۆھبەتتىن كېيىن ئويلاندىم، ئۆتكەن 5 يىلدا ۋاقتىم ئاساسەن مىللەت ئۈچۈن، باشقىلار ئۈچۈن ئۆتتى، تۇغقانلىرىم ئۈچۈن نېمە قىلدىم؟
ئۇرۇق تۇغقانلىرىم ھەممىسى مەن سەۋەبلىك كۆرمىگەن كۈنى قالمىدى، قاماققا ئىلىندى، ئانامنى 10 يىل،ئىككى قېرىندىشىم ئادىل ئىمىن بىلەن تۇرسۇن ئىمىنغا 10-15 يىل، ئىنىم ئادىلنىڭ ئايالى پاتىگۈل، نەۋرە ئىنىم يۈسۈپ، غاپپار، نىياز ئەلى،ئالىمجان ، ئەلىجانلار، تاغام ۋە ھامماملاردىن قايسىسى بۇ تۈرمىدىن ئامان قالدى؟ ئۇلارنىڭ 2-3 دىن بولۇپ، 15 كە يېقىن كىچىك بالىلارنىڭ تەقدىرى نېمە بولدى؟مەن ئۇلار ئۈچۈن نېمە قىلدىم؟ قانچىلىك تېرىشچانلىق قىلدىم؟ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى قانچىلىك چىقاردىم؟
مەن تۈرمىنىڭ قانچىلىك زۇلمەت ۋە ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بىچارىلەرنى كۈنلەپ، ئايلاپ، يىللاپ قارا كۈنگە مەن قويدۇم. بۇلارنى ئويلىغان چېغىمدا، ئۆزۈمنى جىنايەتچى ھېس قىلىمەن،ھەتتا ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە لايىق دەپ ئويلايمەن.
خۇددى مۇستاپا ئېيتقاندەك، مەن ئائىلەمنى ھەدىدىن زىيادە تەكىتلىسەم، مىللەتكە سەل قارىغانلىق بولمىسۇن دەپ ئويلاپتىمەن، ھەتتا ئائىلەمنى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي دەسمايە قىلغانلىق بولمىسۇن دېدىم.
ئەمما 2020-يىلى مەخسۇس مەسلىھەت سورىغاندا، بىر يېتىشكەن ئۇيغۇر سىياسەتچى ئاكىمىز: « تاھىرجان، سىز ئامېرىكىدا سىياسەتنى خاتا ئۇسۇلدا قىلدىڭىز، تەرتىپىڭىز خاتا بولدى، ئاۋۋال بارلىق قانۇنى رەسمىيەتلىرىڭىزنى ھەل قىلىۋالغان بولسىڭىز، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭاي بولاتتى، ھېچبولمىسا، خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش، ئاۋۋال ئائىلەم دەپ تۇرۇپ ئاندىن مىللەتنىڭ گېپىنى قوشۇپ ماڭسىڭىز بولاتتى، مىللەت ۋە ۋەتەنلا دەپ چۈشسىڭىز، شەخسى ھېكايىڭىز يوقتەك بولىدۇ، ئامېرىكىدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ شەخسى ھېكايىسىگە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ، ھازىر مىللەتنىڭ گېپىنى قىلىدىغان سىياسەتچىلەر بار، ئەمما سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ گېپىنى كىم قىلىدۇ؟ قىزىڭىزنى ئېلىپ چىقسام باشقىلار تىللارمۇ ؟ ھاقارەت قىلارمۇ؟ دەپمۇ قورقماڭ، ئائىلىڭىز يېنىڭىزدا بولسىمۇ تىللايدۇ، بولمىسىمۇ تىللايدۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تېخى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جەملىۋىلىپ، ئائىلىسىنى قۇرۇۋىلىپ، ئۆزى تاختا بېشىدا ئولتۇرۇپ، ئاندىن باشقىلارنى باھالاپ ، تىللاپ يۈرىدۇ، سىياسەتكە ئارىلاشمىغانلاردىن تېخى بېرىپ كېلىۋاتقانلار بار، باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن ھسابلاشماڭ. ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى بولسىلا بولدى، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئائىلىڭىزنى ئويلاشنى ئۆگىنىڭ. »
بۇ گەپلەرنىڭ بىر يەرلىرى توغرا ، بىر يەرلىرى ناتوغرا..
«ئەمما ئائىلەڭنى ئۇنتۇما، ئۇلار ئۈچۈنمۇ داۋا قىل،ئۇلار ئۈچۈن جان كۆيدۈر »دېگەن سۆز خاتا ئەمەس.
مەن 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى قىزىم ۋە تۇغقانلىرىم ئۈچۈنمۇ ھەرىكەت قىلدىم، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن سۆزلەشتىم، ئەمما ئىزچىل بولالمىدىم، چىڭ تۇرالمىدىم ، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويالمىدىم.
دوكتور ئابدۇراھمان ئاكىمىز بىر قېتىملىق سۆھبەتتە: « تاھىرجان،قىزىڭىز كەلگۈسىدە سىزدىن پەخىرلىنىدۇ دېگەنىدى، بۇ سۆز ماڭا ئىلھام بولغان، چۈنكى قىزىمنىڭ مەندىن پەخىرلىنىشى باشقىلاردىن مۇھىم. ئەمما ھازىر ئويلايدىغىنىم: قىزىم ئۈچۈن ھېچنېمە قىلالمىغىنىم ئۈچۈن قىزىم مەندىن نەپرەتلەنمىسە بولاتتى.
مەن ئەمدى قىزىم ئۈچۈنمۇ، ئائىلەم ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىمەن!
26-يانۋار، 2022-يىلى