ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى11- يانۋار
قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ بۈگۈن جاكارلىشچە، پرېزدېنتلىق سايلىمىدا سادىر جاپاروۋ %79 لىك غەلىبە بىلەن ئۇتقان بولۇپ، ئۆكتەبىردىن بېرى قالايمىقانچىلىققا پاتقان قىرغىزىستاننىڭ سياسىي كېلەچىكى بۇ يېڭى پرېزدېنت بىلەن ئەسلىگە قايتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. سادىر جاپاروۋ 1968- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ماكانچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ سايلىنىشتىن بۇرۇن، سورۇنبايىۋ جابىكوۋ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، مۇۋەققەت باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن بولۇپ، 10- يانۋار سايلامدا ئۇتقان. بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، سادىر جاپاروۋنىڭ دادىسى 1962- يىلى شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرسىتان) دىن كۆچۈپ بارغان بولۇپ، ئۇ سايلام مەزگىلىدە، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىن تۇپراق تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە: «قىرغىزىستان خىتايغا بىر چىمدىممۇ تۇپراق زېمىن بەرمەيدۇ.» دېگەن. ئۇ سايلام غەلىبە نۇتۇقىدا: «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىمىز، قىرغىزىستاننى ئۆتكەن 30 يىلدىن بېرى قاپلىغان چىرىكلىككە خاتىمە بېرىمىز.» دېگەن. ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سادىر جاپاروۋ رادىكال قىرغىز مىللەتچىسى بولۇپ، قىرغىز مىللىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا سىياسەتلىرىدىكى رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇنىڭ مۇھىم شۇئالىرىدىن بىرى ئىكەن. ئۇ بۇرۇن ئادەم ئەسرگە ئېلىش جىنايىتى بىلەن قاماققا ئېلىنغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم رىقابەتچىلىرى سايلام نەتىجىسنى ئىنكار قىلغان بولسمۇ، ئەمما سايلام كومتېتى ۋە كۆزەتكۈچىلەر سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا.