قىرغىزىستان پرېزىدېنتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرى» ھەققىدە توختالدى

پرېزىدېنت سورونباي جېنبېكوۋ يىل ئاخىرىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرى» ھەققىدە توختالدى.

ئا ك ئى خەۋەر تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 19- دېكابىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-19

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

پرېزىدېنت سورونباي جېنبېكوۋ يىل ئاخىرىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرى» ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭدىن بۇ لاگىرلارغا سولانغان بۇلىشى ئېھتىمالغا يېقىن قىرغىزلار ھەققىدە سورالدى.

سورونباي جېنبېكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بۈگۈن ئون خىتاي پۇقراسى قىرغىزىستاندا شىكايەت قىلىندى. لېكىن ئۇلار بۇ توغرىسىدا ۋارقىراپ- جاقىراپ كەتمىدى. بىزنىڭ خىتايدىكى قىرغىز تۇغقانلىرىمىز خىتاي پۇقراسى. بىز قانداقسىگە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشالايمىز ؟»

ئۇ «بۇ مەسىلە دىپلوماتىيە جەھەتتىن قارار قىلىنىدۇ» دېدى.

 سورونباي جېنبېكوۋ يەنە مۇنداق دېدى: « بۇ مەسىلە مۆتىدىل يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلە بىزنىڭ قانداقتۇر بىرەرسىدىن قورقىۋاتقىنىمىز ئەمەس، بەلكى بۇ مۇناسىۋىتىمىزگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر ئىشلار ئۇنداق ئاددىي بولىدىغان بولسا، مەن سىرتقا چىقىپ ئۇلارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى سورىغان بولاتتىم ».

ئۇ  «قىرغىزىستان بىلەن خىتاي قول قۇيۇلغان كېلىشىملەر ئاساسىدا ھەمكارلىشىدۇ» دىگەنلەرنى قۇشۇپ قويدى.

ئۇ بۇ يىلدا 268 كىشىگە قىرغىزىستان پۇقرالىقى بېرىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 171 سى قىرغىز، 72 سى ئۇيغۇر، توققۇزى ئۆزبېك، ئالتىسى خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2018- يىلى 8 – ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دا مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاماققا ئېلىنىشى ۋە قاتتىق نازارەت قىلىنىشى خەلقئارادا نارازىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بېيجىڭ  «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) ئىسلام قۇراللىق كۈچلىرى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ» دەيدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇ رايۇندا مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىپ، بەزى كىشىلەرنى «كەسپى» دەرسلەر ئارقىلىق تەربىيلەپ، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز دەيدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://akipress.com/news:614477/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا تۈركىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بەرمەكچى

چا دېكابىر 19 , 2018
18 - دېكابىر بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە 3.5 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە قۇراللىرىنى سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئامېرىكا جەمئىي 140 دانە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇنىڭغا سەپلەنگەن رادار، باشقۇرۇش ۋە قويۇپ بېرىش ئەسلىھەلىرىنى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان

You May Like