قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى قالايمىقانچىلىقى تەپسلاتى

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارلامنېت سايلىمى نەتىجىسگە قارشى چوڭ نامايىش پارتىلىدى. قىرغىزىستاندىكى 16 سياسىي تەشكىلات ۋە پارتىيە 120 كىشىلىك پارلامىنتتقا كىرىش يەنى ئالىي كېڭەش سايلىمىغا قاتناشقان بولۇپ

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى، 1-ئۆكتەبىر

 

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارلامنېت سايلىمى نەتىجىسگە قارشى چوڭ نامايىش پارتىلىدى. قىرغىزىستاندىكى 16 سياسىي تەشكىلات ۋە پارتىيە 120 كىشىلىك پارلامىنتتقا كىرىش يەنى ئالىي كېڭەش سايلىمىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرقى پىرېزدېنت جىنبەكوۋغا يېقىن تۆت سياسى گۇرۇھ پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ سانلىققا ئېرىشپ، پارلامنېتتا ئورۇن ئېلىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن. بۇلار ئىچىدە ئىككىسى جنبىكوۋنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ، يېرىم ئورۇنغا ئېرىشكەن. سايلامدا ئۇتۇق قازىنالمىغان 12 پارتىيە ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلامنى ئادىل ئېلىپ بېرىلمىدى دەپ قاراپ، پايتەخت بىشكەكتە پارلامېن ت بىناسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قورشىۋالغان. نامايشچىلار: پرېزىدېنت سايلامنى مونوپۇل قىلىۋالغان، پۇل خەجلەپ سايلىغۇچىلارنى سېتىۋالغان، دەپ شكايەت قىلغان.

 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى پارلامېنت سايلىمىنى ئىناۋەتسز دەپ ئېلان قىلغان.

 

ياۋروپا سايلام بىخەتەرلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشتە، قىرغىزىستاننىڭ پارلامېنت سايلىمى ئىزچىل دېموكراتىك ۋە ئەركىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، پارلامېنت ساغلام ئىش بىجىرىدۇ. ئەمما سايلىغۇچىلارنى مەجبۇرىلاش ۋە سېتىۋىلىش بىر مەسلە بولۇپ، قالايمىقانچىلىقلارغا سەۋەب بولماقتا دېگەن.

 

نامايشچىلار ھۆكۈمەت بىنالىرىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قويۇۋەتكەن.

 

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشچە، نامايىشچىلار دەسلەپتە تىنچ قارشىلىق بىلدۈرگەن. سانى تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىن كۆپىيىپ كەتكەن. تەشكىلاتلار ۋە ساقچىلار ئارسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 900 ئادەم يارىلانغان، 19 ياشلىق بىر كىشى ئۆلگەن. ئەمما ساقچى ياكى ئارمىيەنىڭ ئوق چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىنمىغان.

 

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا، پرېزىدېنت جىنبەك سورونبايۋ: «بەزى سياسى كۈچلەر سايلام نەتىجىسنى ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزۇشقا سەۋەب قىلىۋالدى. ئۇلار قانۇنغا رىئايە قىلمىدى، دوختۇرلارنى ئۇردى، ئەسلىھەلەرنى بۇزۇپ چاقتى.» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ لازىملىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، قالايمىقانچىلىقلارنى توسىدىغانلىقىنى، سايلامدىكى ئادالەتسزلىكلەرنى ئۈزۈل-كېسل تەكشۈرىدىغانلىقىنى، قارشى پارتىيەلەرنىڭ كىشلەرنى توختىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزستان ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت دەپ نام ئالغان بولۇپ، قىرغىز نامايشچىلار 2005-يىلى ئاسقار ئاقايىۋىنى، 2010- يىلى پىرېزدېنت قۇرمانبىك باقىيۋنى تەختتىن قوغلىغان ئىدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

39 دۆلەت ب د ت دا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسلىسى ئۈچۈن ختتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

سە ئۆكتەبىر 6 , 2020
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 دۆلەت خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خىتاينى سياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، قامالغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. خىتاينى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى تەكشۇۈرۈشكە يول قويۇشقا دەۋەت قىلدى.

You May Like