ئۇكرائىنا دەرىسى : قەھرىمانلىقنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى

ئۇكرائىنا دەرىسى : قەھرىمانلىقنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى

 ئۇكرائىنا  دەرىسى : قەھرىمانلىقنىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى 

 

ئاپتورى: كۆكبايراق

دۇنيادا بولۇۋاتقان ھەر بىر ۋەقەدىن، ئۆزىمىزنى  ئۇرىدىغانغا  بىر كالتەك، ئەجدادلىرىمىزغا  كەيدۈرىدىغانغا  بىر قالپاق ئىزدىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.  ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆزىدىن  نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمىنىگە قارشى كۆرسىتىۋاتقان قەھرىمانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. ئەمما  بەزىلەر قاقشاۋاتقاندەك، ئوتتۇرىدىكى سېلىشتۇرما  مىللىي روھىمىزنىڭ، خارەكتېرىمىزنىڭ، تارىخىمىزنىڭ خۇنۈكلىكىنى كۆرسىتىپ ياكى ئەسلىتىپ بېرەلمەيدۇ. 
 
ئۇكرائىنانىڭ سابىق  پرېزىدېنتىنى تەسىرلەندۈرگەن كۆك مايكىلىق قىز، 5 ‏-ئىيۇل قەھرىمانلىرى  ئىچىدىكى ئەڭ نوچىسى ئەمەس، قەھرىمانلار قىلىدىغىنىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ۋەقەنىڭ ئىككىنچى كۈنى  سەھنىگە چىققان، دۇنيانىڭ كۈزىگە چېلىقىپ قالغان بىرى پەقەت. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا، ئۇ يەردىن دۆڭكۆۋرۈككە ئايلىنىپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن  دۆڭكۆۋرۈك ۋە ئەتراپىدا شاۋگۈەن قەتلىئامىنىڭ  ھېسابىنى ئالغان  مىڭلارچە ئۇيغۇر، بۈگۈنكى ئۇكرائىنالىقلار تانكىغا تانكا ئاتارلار بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇلار تانكىغا  كوچا گىرۋەكلىرىدىكى تاش، ئاشخانىلاردىكى ئورۇندۇقلاردىن سۇندۇرۇپ چىققان كالتەكلەر بىلەن قارشى تۇرغان. 2009 دىكى  5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن 2017 ‏-يىلى 2 ‏-ئايدىكى قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قەدەر بولغان 200دىن ئارتۇق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ   ھەممىسىنى ئەمەس، ئېلىشقۇ ۋەقەسى، بۈگۈر ۋەقەسى ۋە باي ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەكلا، تۈركىيەدە  ئەردوغاننى قوغداش ئۈچۈن تانكىنى توسقان باتۇرلارمۇ، ئەينى يىللاردا رۇسلارغا ئېغىر زەربىلەرنى بەرگەن چېچەنلەرمۇ، بۈگۈنكى  ئۇكرائىنلارمۇ، ئۇيغۇرغا قەھرىمانلىقتىن دەرس بېرەلمەيدۇ. 
  
بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى پەقەت ئېكرانغا چىقمىغان، چىققانلىرىمۇ، » تېررورچى» بولۇپ قالىمىز دېگەن ئەندىشە بىلەن  ئۆز ئىچىمىزدە يېزىلمىغان، خاتىرىلەنمىگەن  تەرىپى بار. بۈگۈر  ۋەقەسىدە 50دىن ئارتۇق سەپدىشى بىلەن ساقچىخانىنى قورشاۋغا ئالغان  مەمەت تۇرسۇن؛   باي ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرىنى تۇزاققا  چۈشۈرۈپ قوراللىرىنى ئولجا ئالغان، خىتاينىڭ 56 كۈنلۈك ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش ئوپېراتسىيەسىدە يەنە 13 ئەسكەرنى يەر چىشلەتكەن مۇسا توختىنىياز ۋە  مەمەت ئەيسالار  ئەسلىدە ئىقتىدارى ئىسپاتلانغان  قوماندانلار؛  پەقەت، ھەربىي فورما كىيمىگەن، مېدال بېرىلمگەنلا  يېرى بار. 

ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى،  باشقىلارنىڭ كۈرەشلىرىدە،  ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى ھېچ بولمىدى دېگەندە 20-30% بار، ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ كۈرىشىدە، ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى نۆل، بۇ ئېھتىماللىق ئۆزلىرىگە 100% ئايان. 

ئەگەر بىر دەرس چىقىرىش زۆرۈر بولسا، مەسىلە ئەجدادلىرىمىزدىن ياكى مىللىي روھتىن ئەمەس، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيەسىدىن ئىزدىلىشى كېرەك.

يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە بولۇنغان مۇنازىرىلەرنى ئەسلىسەك، بۈگۈنكى دەۋرنىڭ پەن-تېخنىكا دەۋرى ئىكەنلىكى، دۇنيانىڭ ئۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقى، ئاقىلانە ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشىمىز  كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەنگەن كۈپ  لېكسىيەلەر بار، بۇ لېكسىيەلەردە بەزىدە ئوچۇق، بەزىدە ئىشارەتلىك ھالدا  قەھرىمانلىقنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.  بۇ ئىدىيە   ۋەتەن  ئىچى-سىرتىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيەمىز ۋە  بەزىلىرىنى  «خىتاينىڭ ئويۇنى»غا چىقىرىپ بەرگەن باياناتلىرىمىزدىنمۇ ئايان.  

كۆردۇقكى، ئەگەر پرېزىدېنت زېلونىسكى   سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتمىگەن، دۈشمەننىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئىبارەت رېئاللىقىنى قوبۇل قىلىپ » زىيادە قان  تۆكۈلمىسۇن ئالىيجاناپلىقى» بىلەن  تەسلىم بولغان ياكى پاناھلىنىپ جېنىنى قۇتقۇزغان بولسا، ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ئارمىيەسى بۇ دەرىجىدە بىرلىككە ۋە جاسارەتكە كېلەلمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئۇكرائىنالىقلار دۈشمىنىگە قارىتا ئۆزلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمىغان بولسا ، خەلقئارا جامائەتتىكى ھېسداشلىق ۋە ياردەم ھازىرقىچىلىكمۇ بولالىشى  ناتايىن ئىدى. دېمەك، قەھرىمانلىق ئۇكرائىنادا  ئىشقا   يارىدى ۋە ياراۋاتىدۇ. 

مەلۇمكى ،  ئۇكرائىنا  پرېزىدېنتىنىڭ دادىللىقى، خەلقىنىڭ پىداكارلىقى نەتىجىسىدە، ئۇكرائىنادا ئىشغالىيەتكە قارشى كۈرەشنىڭ  يىقىلماس  بىر روھىي  ئابىدىسى  تىكلىنىپ بولدى. رۇس غەلىبە قىلىپ، ئۇكرائىنانى بېسىۋالغان تەقدىردىمۇ، مەزكۇر ئابىدىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇكرائىنا ئەۋلادلىرى مۇستەقىللىقىنى قولىغا قايتا  ئالالايدۇ.

 دېمەك،   ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئېلىنىدىغان  دەرس   قەھرىمانلىق روھى  ئەمەس، قەھرىمانلىق ھەققىدىكى تونۇش: دۇنيادا تېخى قەھرىمانلىقنىڭ قىممىتى  يوقالمىغانلىقى، ۋاقتى ئۆتمىگەنلىكى، مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىدە مۇھىم  رول ئوينايدىغانلىقى ۋە قەھرىمانلىرىمىزنى تونۇش، ئېتىراپ قىلىش ۋە خاتىرىلەشنىڭ تاقەتسىز  زۆرۈرلۈكى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

نۆۋەتتىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغال ئەھۋالى

سە مارت 1 , 2022
نۆۋەتتىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغال ئەھۋالى

You May Like