پۇتىن روسىيە قوراللىرىنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىنى ماختىدى

پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن كۆرۈشكەندە ؛ روسىيەنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىش پىلانىنى % 102 يولغا قويغانلىقىنى ، بۇ ئېشىشنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئىككى مىليارد دوللار ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇرئاگىنتلىقى 

 

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:  كۆكتۇغ

 

2020-04-09

 

 

 

پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن كۆرۈشكەندە ؛ روسىيەنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىش پىلانىنى % 102 يولغا قويغانلىقىنى ، بۇ ئېشىشنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئىككى مىليارد دوللار ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

پۇتىن مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلقى تېخنىكىلىق ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسىگە كەلسەك ، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىجابىي باھا بىرىشكە بولىدۇ. گەرچە ئومۇمى ۋەزىيەت پايدىسىز ۋە رىقابەت كەسكىن بولسىمۇ ، بىزنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان تېخنىكىلىق ھەربىي ھەمكارلىق سىستېمىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەۋاتىدۇ».

 

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: روسىيە كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەتەرنى كۆزدە تۇتۇپ ، دۇنيا قورال-ياراغ بازىرىدىكى خىزمەت شەكلىنى تەڭشىشى كېرەك.

 

ئۇ يەنە: «خەلقئارا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە خەتەرلەر پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىغا ئىنتايىن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

 

پۇتىن روسىيەنىڭ بۇ بازاردىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «روسىيە قوراللىرىنىڭ چەتئەللەردە ، بولۇپمۇ سۈرىيىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنىشى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىدى».

 

مەنبە : ر ت ئەرەپچە قانىلى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈرك ئادۋوكات خىتاي دۆلەت رەئىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

جۈ ئاپرېل 10 , 2020
شىرناك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن بىر ئادۋوكات تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشىدا پەرۋاسىزلىق قىلدى دەپ قارىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى.

You May Like