پولىتىكو گېزىتى: گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى سابىق سىياسىيون مۇسۇلمان بولدى

گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى خىرىت ۋىلدىرىسنىڭ ئەشەددى ئوڭچىل ھۆرلۈك پارتىيىسى سابىق ئەزاسى يورام كىلاۋىرىن دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى

پولىتىكو گېزىتى

2019-يىلى 4-فېۋرال

ئىلىنە سىخارت خەۋىرى

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-05

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

گوللاندىيەدىكى  مۇسۇلمانلارغا قارشى خىرىت ۋىلدىرىسنىڭ ئەشەددى ئوڭچىل  ھۆرلۈك پارتىيىسى سابىق ئەزاسى يورام كىلاۋىرىن دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ ھۆرلۈك پارتىيىسىدىن چىكىنىپ چىققان، ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىككىنجى سىياسىيون ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆرلۈك پارتىيسىىدىن چىكىنىپ چىقىپ مۇسۇلمان بولغان ئاروند دورىن يورام كىلاۋىرىننى  تىۋىتىردا مۇبارەكلىدى.

يورام كىلاۋىرىننىڭ  گوللاندىيە رادىئوسىغا دىيىشىچە، ئۇ ئەسلىدە ئىسلام توغرىسىدا بىر كىتاب يىزىۋاتقان بولۇپ، كىتاب يىزىش جەريانىدا ئىسلامغا قارىتا  نۇرغۇن قاراشلىرىدىن تەۋرىنىپ قالغان. يورام 2010- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە ھۆرلۈك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. بىراق 2014- يىلى ھۆرلۈپ پارتىيىسى لىدىرى خىرىت ۋىلدىرىس گوللاندىيەگە يەرلەشكەن ماراكەشلىكلەرنى » كۆپەيسۇنمۇ ياكى  ئازايسۇنمۇ؟» دىگەن شۇئارىنى قوللاش تەلەپ قىلىنغاندىن كىيىن، پارتىيىدىن چىكىنىپ چىققان. يورام ئۆزى مۇستەقىل پارتىيە قۇرغان بولسىمۇ، 2017- يىلىدىكى پارلامىنت سايلىمىدا قوللاشقا ئىرىشەلمەي، مەغلۇپ بولغان.

يورام كىلاۋىرىن ھۆرلۈك پارتىيسىدىكى مەزگىلىدە ئىسلامغا قاتتىق ئۆچ بولۇپ،  گوللاندىيە كەچلىك گىزىتى  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يورام ئىلگىرى :» ئىسلام دىگەن يالغانچىلىق، قۇرئان دىگەن زەھەر» دىگەن. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن :» ئىلگىرىكى سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن خىجىل ھىس قىلامسىز دەپ سورىغاندا، ئۇ خاتا سۆزلىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان ۋە :» ئۇ ھۆرلۈك پارتىيسىىنىڭ سىياسىي يولى. ھەرقانداق بىر خاتا ئىش چوقۇم بىر ياكى بىرقانچە خىل ئۇسۇل بىلەن ئىسلامغا باغلىنىشى كىرەك» دىدى.

ھۆرلۈك ۋە دىموكراتىيە پارتىيىسى گوللاندىيەدىكى ئوڭچىل، مۇسۇلمانلارغا ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى يەرلىك مىللەتچى پارتىيە بولۇپ، گوللاندىيە پارلامىنتىدا  ئورۇن سانى جەھەتتىن ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.politico.eu/article/former-dutch-anti-muslim-politician-converts-to-islam-joram-van-klaveren/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكىدا يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشكىلات قۇرۇپ، نامايىش تەشكىللىدى

چا فېۋرال 6 , 2019
ئۇيغۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەھۇدى ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر يېغىلىشى» ناملىق تەشكىلات ۋە تور بېكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ختتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سياستىگە نارازىلىق بىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like