ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
2019-9-28
تەييارلىغۇچى: ئەردەم
28- سىنتەبىر، گوللاندىديە ئۇترىخت شەھرىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى زالىدا «ئىلھام توختى ھەرىكىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا « پىروفىسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسى» دىگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقيەتلىك تاماملاندى. مەزكۇر يىغىن ئۇيغۇر خەلقىگە خىتاي قانۇنىدا باراۋەرلىك تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پىروفىسسور ئىلھام توختىغا «ياۋروپا ۋاكلاۋ ھاۋىل 2019- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ئىلان قىلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ئەنۋەرجان، خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، يازغۇچى زىيالىي ئابدۇۋەلى ئايۇب ۋە ئاسىيە ئۇيغۇر قاتارلىقلار سۆز قىلدى. مائارىپ جەمىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇلى ئەنۋەر رىياسەتچىلىك قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە ئۈچ مىلىيوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت خەلقلىرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان، ئىتنىك ۋە كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئېغىر ۋەزىيەتتە مۇھاكىمە يىغىنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئىلھام توختىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى چۈشىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. يىغىننىڭ خاتىمىسىدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى يازغان «جاۋابسىز قىلغان تىلىفۇن» ناملىق ھىكايىگە ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن فىلىم قويۇلدى. ئىلھام توختى بولسا خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پىروفىسسورى بولۇپ، ئۇ تۇتۇلۇپ كىتىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر كىرىزىسى توغرىسىدا ئىيىتقان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك: « مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق كەسپى ساھەلەردە ئوقۇشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە كەسىپتە ئېرىشكەن شەخسىي مۇۋەپپىقىيىتىنى مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ كەسىپلەر كىشىلەرگە سېستىمىلىق مىتود ئاتا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پاك، ساددا ۋە قىزغىن مىللى ھىسسىياتىنى قايناپ تۇرغان ھىسسىي ئىېنىرگىيەدىن ئەقلىي، ئىلمىي پوزىتسىيەگە ئايلاندۇرىشىغا ياردىمى بار. بۇنداق تەلىم ئېلىش ۋە نۇقتىئىنەزەرنى يېتىلدۈرۈش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تولىمۇ كەمچىل ۋە قىممەتلىك» # ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك! # يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدىكى مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! 2019-9-28