پارىژدىكى كۇردلار مەدەنىيەت مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان

پارىژدىكى كۇردلار مەدەنىيەت مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان

 پارىژدىكى كۇردلار مەدەنىيەت مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى24-دېكابىر

يۈسۈپجان

23-دېكابىر پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى 10-رايونغا جايلاشقان «ئەخمەت كايا»(Ahmet Kaya) نامىدىكى كۇرد مەدەنىيەت مەركىزى ئالدىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بېرىپ ئۈچ كىشى قازا قىلغان. پارىژ ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا ۋەقە سادىر قىلغۇچى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن فىرانسۇز ۋەتەندىشىدىكى پېنىسىيونېر ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى Gerald Darmanin مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، قاتىلنىڭ پۈتۈنلەي يالغۇز ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ھازىرچە ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەت چەتئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە قاتىلنىڭ ئىسمى ۋىللىيام. م بولۇپ، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن، ئىلگىرى فىرانسىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ پويىز شوپۇرى بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان ئىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر قاتىل 2017-يىلى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق جىنايىتى ۋە قوراللىق زوراۋانلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن 6 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، شۇنداقلا 5 يىلغىچە قورال ياراغ ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىكەن. 2021-يىلى 8-دېكابىر ئۇ يەنە پارىژ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر چەتئەللىك كۆچمەنلەر چېدىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، تېخى 10 كۈننىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر رايوندىكى كۇردلار كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتايدا 20 كۈندە 250 مىليون ئادەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان

شە دېكابىر 24 , 2022
خىتايدا 20 كۈندە 250 مىليون ئادەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان

You May Like