پارىژ شەھەر مەمۇرىيەت بىناسى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تېمىسىدا كۆك رەڭگە بويالدى

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە ياۋروپادىكى بىرقانچە شەھەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 12-نويابىر

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى، شۇ جاي ۋاقتى 2021-يىلى 12- نويابىر كەچ سائەت 18 دە پارىژ شەھىرى مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ تېمى ئۇيغۇرلارغا سىمۋوللۇق قىلىنغان كۆك رەڭلىك نۇر بېرىلگەن، شۇنداقلا بىنانىڭ ئالدىدىكى چوڭ ئېكرانغا ئىنگلىزچە: «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان تەگلىك چۈشۈرۈلگەن.

مەزكۇر پائالىيەت، تارىخىمىزدىكى ئىككى قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى بولغان 12- نويابىردا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى ۋە ئالفوغۋىل (Alfortville) شەھىرى، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرى بىلەن شاغلىغۇۋا (Charleroi) شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئوخشاش بىر كۈندە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پارىژ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە شۇ يەردىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەر، سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، شۇنداقلا مۇخبىرلاردىن بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى كېلىپ قاتناشقان. 

بۈگۈنكى پائالىيەتكە پارىژ شەھىرى مەمۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ژاڭ لۈك غومىئو Jean-Luc Romero ئەپەندىممۇ قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا باش شتابى پارىژدىكى «ئىرقۋازلىققا قارشى قۇتقۇزۇش » تەشكىلاتى (SOS Racisme) نىڭ رەئىسى دومىنىك سوپو Dominique Sopo ئەپەندىم ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى(AFP)، فىرانسىيە ARTE تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق مېدىئالارنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەن.

پائالىيەت جەريانىدا «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» دىن بىر قانچە نەپەر ئەزالار ئۈستىلىرىگە مەھبۇسلار كىيىمى كىيىپ، قوللىرىغا تۆمۈر كىشەنلەر باغلانغان ھالدا مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ خەت يېزىلغان چوڭ ئېكراننىڭ ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە تارتقان، ئۇنىڭدىن باشقا لاگېر شاھىتى گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم قاتارلىقلار پائالىيەت جەريانىدا مۇخبىرلار ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلغان. مەزكۇر پائالىيەت كەچ سائەت 6دە باشلىنىپ 10 بىلەن ئاياغلاشقان. 

ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا « ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» (#FreeUyghurs) نامىدا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان بېلگىيەنىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىغان « ئاتوم مولېكۇلا مۇنارى» مۇ كۆك رەڭدە نۇر بېرىلىپ، تۈۋرۈكلىرىگە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن تەگلىك يېزىلغان، بېلگىيەنىڭ يەنە بىر شەھىرى Charleroi شەھىرىنىڭ مەمۇرىيەت بىناسىغا كۆك رەڭلىك بايراقلار ئېسىلغان، فىرانسىيەدىكى يەنە بىر شەھەر Alfortville نىڭ شەھەرلىك مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ تېمىغىمۇ كۆك رەڭلىك ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، ئۈستىگە  (#FreeUyghurs) خەشتىگى ئېسىلغان. مەزكۇر شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى لۈك كاغۋۇناس (Luc Carvounas) ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يۇقىرىدىكى خەشتەگ ئېسىلغان ۋىۋىسكا بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىگەن. 

بۈگۈنكى ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار پائالىيەتلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنى جۇمھۇرىيەت كۈنىدىكى ئېرىشكەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى سۈپىتىدە چەكسىز ھاياجانغا سالغان بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم جىددىي ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. بىز « ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدىن يۇقىرىدىكى تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەرنىڭ شەھەر مەمۇرىيەتلىرىگە، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى غافائەل گلۈكىسمەن (Raphaël Glucksmann) ئەپەندىگە، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» دىكى بارلىق قېرىنداشلارغا شۇنداقلا مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىمغا، « فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتى ھەيئەتلىرىگە، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىغا شۇنداقلا بۈگۈنكى ھەرقايسى شەھەرلەردە پائالىيەت مەيدانلىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى لەپىلدەتكەن ھەر بىر قېرىندىشىمىزغا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچېلىش كۈنى كەچتە ۋەكىللەر پراگا پارلامېنت سارىيىدا كۈتۈۋېلىندى

جۈ نويابىر 12 , 2021
7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچېلىش كۈنى كەچتە ۋەكىللەر پراگا پارلامېنت سارىيىدا كۈتۈۋېلىندى

You May Like