2-دىرىكتورلار -ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئىغىر كۈنلەردە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىغان دۇرۇس ۋە ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار ، يتەكچىلىك رولىغا ئىگە زىيالىيلار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلىرى بىلەن بىر سەپتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مەڭگۇ ئۇنۇتمايدىغان شەرەپ ئىگىلىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇلار ئ‍نسان، ئۇيغۇر، پەرزەنت،ئانا ياكى بالا، قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان كىشلەردۇر.

تۈركىيە «سەلەنگە» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ« شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا سۇنۇلدى.

خىتاي تاراتقۇسى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 22-دېكابىر بېيجىڭغا جايلاشقان «خىتاي تارىخ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» دە ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تارىخى تەتقىقات ئىنستىتۇتى چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.

تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11-12 ئايلىق پەسىللىك سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى. بۇ ژۇرنال پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىلىدىغان بولۇپ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا لاگېر شېھىتى مېھراي ئەركىننىڭ رەسىمى ئىشلىتىلدى.

تۈركىيە پارلامىنتتا ئورۇن ئالغان سياسى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ياخشى پارتىيەسى تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئ‍نسان ھەقلىرى دوكلاتى»نى ئىلان قىلدى.

ياخشى پارتىيە ئەنقەرەدە ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر دوكلاتنى ئىلان قىلىش ئاخبارات يېغىنىدا، ئىيى پارتىيە باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ لىدىرى، سابىق ئىراق پارلامنىتى ئ‍نسان ھەقلىرى باشلىقى ئەرسات سالىھ، مەزكۇر دوكلاتنى ئ‍شلەشكە قاتناشقان خادىملار ۋە ئۇيغۇر زىيانلانغۇچىلار قاتارلىقلار قاتناشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى ماراكەشنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى

ئۆمەر قانات: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى » ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلماقتا

تۈركىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ھۆكۈمەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى