تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ «شاپتۇل داموللا» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇناپىق» دەپ تونۇلغان ئابدۇغوپۇر داموللا _ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە مەشھۇر بىر ئۆلىما ۋە دىنچى سۈپتىدە تونۇلغان بىر كىشىدۇ. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇ شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە […]

تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان ختاي ھۆكۈمىتى-بىر پارتىيىلىك دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈش كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر قانداق تۇيۇقسىز ۋەقە، ئاپەتنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئوبرازى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بار كۈچى بىلەن يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى يوشۇرىدۇ ياكى ساختا تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ. ختاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش ئاپەتكە […]

ختاي 2024-يىلىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى غايەت زور پىلان بىلەن باشلىدى.بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ئۇچۇر، پىروپاگاندا ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دۆلەتلىرى ئەيىپلەپ كىلىۋاتقان «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى ئىنكار قىلىش ۋە تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى مۇناسۋەتتە پۈتۈنلەي ئۇتۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. ختاي بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى، بايلىق مەنبەلىرىنى، ئۇچۇر قاناللىرىنى ئ‍شلەتمەكتە. تەشۋىقات نۇقتسىدىن، ھەممە تىللاردا، جۈملىدىن […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-نويابىر فاير فاكس يەرلىك خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئارلېڭتوندا ئېچىلغان بوستان رېستورانى كېڭىيىپ، ھېروندون (Herndon )غا تارماق دۇكان ئاچقان. مەزكۇر ئاشخانا ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئ‍ش باشلىغان بولۇپ، تاراتقۇلار ئۇنى ئەمدى بايقىغان. ھازىرقى ئادرېسى 1141 Elden Street دا بولۇپ، ئەتتىگەن سائەت 11 دىن كەچ سائەت 10غىچە خىزمەت […]

   شەۋكەت مىرزىيايېف-ئۆزبېكستان پىرەزدىنتى، ئۆزبەكستان قوراللىق كۈچلىرى (Armed Forces of Uzbekistan )نىڭ باش قوماندانى.ئۇ 2003-يىلدىن 2016-يېلغىچە باش ۋەزىر (باش منستىر )بولغان. شەۋكەت مىرزىيايېف، 66 ياش. 1957-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جىزاقتا تۇغۇلغان. 1981-يىلى تاشكەنت يېزا ئىگىلىك-سۇچىلىق ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىنۇستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، تېخنىكا ئىلمى بويىچە دوكتور كاندىداتى.  1981-يىلدىن 1990-يىلغىچە تاشكەنت يېزا […]

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىش چاقىرىقى ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! ن بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تۈرمىلەردە، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان بەرگەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ، […]

ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشدىكى دائىمى ۋەكىلى باش ئەلچى مېشەل تايلور تېۋىتتردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان باياناتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىلان قىلغان. تۆۋەندىكىسى مەزكۇر باياناتنىڭ ئەينەن ئۇيغۇرچە نۇسخسى ۋە ئەينەن لايىھسى: تولۇق باياناتىمىزنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە ⁧‫#خىتاينى‬⁩ ئۇنىۋىرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش تىن ئوقۇڭ. […]

تۆۋەندىكىلەر ئ‍ۇيغۇر ھۆرلۈك مۇنبىرىنىڭ سوسيال مېدىيا ھساۋىدىن ئىلىندى. ئ‍ىشغالچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قاراتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىغا قارشى، خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋايىمىزنى قوللىغان غەرپ دۆلەتلىرى كۆپتۇر. لېكىن ئۇدۆلەتلەرنىڭ سېپىدە بىللە تۇرۇپ خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقارغان مۇسۇلمان دەۋلەتلەر ئەپسۇس ناھايىتى ئاز. مالايسىيا ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا رەسمى سورۇنلاردا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرىگە قارشى بىزنى […]

ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى -ختاي يەر تەرۋرەشنى نازارەت قىلىش تورى ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋېلايتى ئۈچتۇرپان ناھىيسدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ختاي 3-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالى ئىغىر بولۇپ، ئاتالمىش شنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 4-ئ‍ەترىتى 41 قۇتقۇزۇش ماشنىسى، 191 ئادەم ،3 ئ‍اپشاركا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئاتالمىش شنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش […]

ئەركىنجان، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-يانۋار. 22-يانۋار ختاينىڭ ھەر قايسى ئ‍ۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە چوڭ شركەتلىرى-ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۆزبەكستاندىن كەلگەن سياسى ۋە ئېقتسادى ئ‍ەربابلار بىلەن كۆپ ساھەدە ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلدى ۋە توختام ئىمزالىدى. ختاي ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبەكستان بىلەن ئاخىر ئ‍ۆزىدىن ئايرىلالمايدىغان، ھەممە ساھەدە مەنپەئىتى […]

ھىندىستان باش منستىرى مودىنىڭ ئاساسلىق غايىسى بولغان ھىندستاننى كۈچلۈك دۆلەت قىلىش پىلانى ئىچىدە ھىندىتىۋا (ھىندى دىنى بىلەن مىللەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى) مەركەز بولۇپ، ئۇ ھىندستاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ سياسى ۋە مەدەنى تەسىرىنى يوقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بابۇر مەسجىدى-1528-1529-يىللىرى بابۇر شاھنىڭ ھىندستاننى ئ‍شغال قىلغان سەركەردىسى مىر باقى تەرىپىدىن سلىنغان بولۇپ، ھىندستان ۋە دۇنيادىكى چوڭ ۋە […]

نەبىجان تۇرسۇن مىلادىيە 2023-يىلى 8-دېكابىر ئىستانبۇل ماتەمگە چۆمدى! ئەلۋەتتە، ماتەمگە چۆمگەنلەر تۈركىيەدە مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېچە-كۈندۈز ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇر مۇھاجىرەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر سەر خىل پەرزەنتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخىغا يېڭى بىر قۇر قوشۇلدى. تارىخنىڭ مانا بۇ قۇرلىرىغا يېزىلغان ئوغلان دوكتور پەرھات قۇربان ئىدى. […]

 ئىسلاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رېيكيانېس يېرىم ئارىلى گرېنداۋىك بازىرى ئەتراپىدا 14-يانۋار يانار تاغ پارتلىدى. بۇ 2023-يىل 12-ئايدىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئىككىنچى قېتىملىق يانار تاغ پارتلاش ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يانار تاغ 14-چېسلا ئەتىگەندە پارتلىدى. بۇ قېتىمقى پارتلاش يانار تاغ يېرىقنىڭ پارتلىشى، ئادەتتە چوڭ يانار تاغ […]

ئەركىن ئ‍ۇيغۇر، 17-يانۋار تەيۋەندە ختايغا قارشى پارتىيە نامزات لەي چىڭدى پىرەزدىنتلىققا سايلانغاندىن كىين، پۈتۈن دۇنيادا ختاينىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقى داۋام كۈچلۈك قىزىزىقىش قوزغىماقتا. تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان نامزات سايلامدا ئۇتقان كۈنى،ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا سۇئالىغا قىسقىلا قىلىپ: ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ-دىگەن. تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان نامزات سايلامدا ئۇتقان كۈنى،ئامېرىكا […]

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قېرىنداشلار فەيىسبوكتا ئۇچۇر قىلىپ ئۈزىنىڭ گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە تۇلۇق جاۋاب بىرىپ كىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن بۇ سۇئاللارنى ئاساس قىلىپ رەتلەپ ئېلان قىلدىم. باشقىلارنىڭمۇ پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭلار. بولسا باشقا […]

تايلاند باش منستىرى سەيتا 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا مەڭگۈلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا ئەسلەتمە: ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىغا ساق 10 يىل بولدى (2014-يىلى 14-يانۋار ) خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرغىچە ئىلھام توختىنىڭ ختاي تۈرمىسدە ئۆلۈك-تېرىلىكىگە ئائىت ھىچقانداق ئ‍شەنچىلىك ئ‍سپات ۋە خەۋەرنى قولغا چۈشۈرەلمىدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (Uyghur Times ) رەسم مەنبەسى: ئىلھام توختى پەرزەنتى جەۋھەر ئىلھام سوسيال مېدىياسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى-ۋەتەندىكى مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى، مۇھاجىرەتتىكى سەرگەردان ۋە تارقاق ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر، ئىدىيە ۋە ئۇچۇر سەھنىسى بولۇش سۈپىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قۇرۇلغاندىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن-ئازادلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن كۈرەشلىرىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ.ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيا […]

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە بايانات (مەنبەسى: د ئۇ ق ئورگان ھساۋاتى، ئەينەن تارقىتىلدى) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زامانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچى ئورگانلىرى ھېسابلانغان، «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»نىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى ئاپرىل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. 20 […]

13-يانۋار، تايبىې تەيۋەن دىموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيسى نامزاتى، سەي يىڭۋىننىڭ مۇئاۋىنى لەي چىڭ دې تەيۋەن پىرەزدىنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ سايلاندى. ختاي بىلەن يارىشش ياكى يېقىنلىشش تەرەپتارى بولغان گومىنداڭ پارتىيسىنڭ نامزاتى خوۋ يوۋ يى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بىرىپ بايانات ئىلان قىلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، دىموكراتيە نازارەت ئورگانلىرىنىڭ كۆزىتىشچە، تەيۋەن سايلىمى-يۈكسەك يۇقىرى سۈپەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تاراتقۇلار […]