جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن، دىئاسپورادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا يىڭى بىر پىكىر ئىقىمى شەكىللىنىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ باشلامچىلىرىغىچە، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلاردىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلىم ئەھلىلىرىگىچە،

بۇ ئەسەرنى تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە بارلىق ھۆرلۈك كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ھەم ھازىرمۇ جازا لاگېرلىرىدا ھۆرلۈككە تەلپۈنىۋاتقان مىليونلىغان خانىم-قىزلارغا بېغىشلايمەن.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا 12-نويابىر كۈنى كەچ ، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدىكى قارا دىڭىز يىغىن زالىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كاناداغا ئولتىراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنى تىزىملاش 11-ئاينىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە باشلىنىدۇ . يىراق يېقىندىكى ھەممەيلەننى كۆزدە تۇتۇپ ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاش ۋە نەق مەيداندا تىزىملاش ئىككى خىل بولىدۇ . نەق مەيداندا تىزىملاش ۋاقتى : 11-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ ھەپتە ۋاقىت .( تىزىملاشقا ئىككى ھەپتە كېتىدۇ ، ئوتتۇرىدىكى بىر ھەپتە مۇخپىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەنقەرەدىكى كانادا ئەلچىخانا خادىملىرى ، ب د ت ۋەكىللى

ئىلاۋە: ساختلىق ، يالغانچىلىق ۋە نۇمۇسسىزلىق تارىختىن بېرى خىتاي دۆلەت سىياستىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنى باشقىلار قانداق شەكىلدە ئىلمي ئاتاشقا تىرشسۇن ، لىكىن ئەڭ بىۋاستە، قىسقا ۋە چۈشىنشلىك ئاتاش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك ئاتاشتۇر. خىتاي تارىخىدىكى ئەمىنيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن ھىيلە ـ نەيرەڭۋازلىق ، ئالدامچىلىق ، ۋاستە تاللىماسلىق، قارانىيەت ۋە قېلىنلىق ئاللىقاچان خىتاي ھاكىمىيەت سىستىمسىنىڭ دەستۇرىغا ئايلىنىپ كەتتى ۋە خىتاي بۇلارنى پەم ـ پاراسەت ۋە قالتىس تاكتىكا دەپ ماختىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ قايسى سۇلالسى ياكى ھۆكۈمىتى ھاكىميەتنى قولغا ئىلشىدىن قەتئىينەزەر ، ئوزۇقلانغ

1. شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى 1992 – يىلى تۈركىيەدە چاقىرىلغان <<شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى>>نىڭ 11 ماددىلىق قارارىنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ، د ئۇ ق تەرىپىدىن 2005 – يىلى 17 – ئىيۇل ئېلان قىلىنغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق ئاساسى، دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە خەلقارادىكى ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <<ميۇنخېن خىتاپنامىسى>>نى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى جاكالايدۇ.

دۇنياغا ئەمدى شۇنىسى ئايان بولدىكى، ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۇلتۇرال قەتلىئامنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. قانچىلىك دەرىجىدە تولۇقسىز بولۇشىغا قارىماي، ئۇشبۇ قەتلىئامنىڭ قۇربانلىرى بېرىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاي ئەخلاق جەھەتتىكى قەبىھلىك ۋە پسىخولوگىيە جەھەتتىكى باغرىقاتتىقلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ دەل مانا مۇشۇ قەتلىئامنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىدۇر، ئەمما ئۇ كۆپ ھاللاردا خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە تەنقىدىدىن قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن قېچىپ، بۇ قەتلىئامنىڭ سۈكۈتتىكى ۋە دىققەتتىن سىرت تۇرىۋاتقان ئېلىپ بارغۇچىسىغا ئايلاندى.

ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىن قىلىنىش خەتىرىدە ياشاۋاتىمىز، دىياسفورادىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسچە، بىر قسم پائالىيەتچى گۇرۇپپىلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى تۈرلۈك ماجرالار، ئىچكى زىددىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېغىر توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا.

2017-يىللارنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، ۋەتەندىكى بىر ساقچى دوستۇم ئۈندىدار ئارقا كۆرۈنىشى رەسىمىگە يۇقىرى بېسىملىق توك ئۇلانغان ئورالما سىم بىلەن قورشالغان يەھۇدىيلار جازا لاگىر كورپۇسلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ئۇ چاغدا «بۇ رەسىم نىمە رەسىمدۇ ؟» دەپ بىلمىگەن ئىكەنمەن. كىيىن لاگىرلار توغۇرلۇق خەۋەرلەر جىقايغانسىرى، يەھۇديىلار جازا لاگىرلىرى توغۇرلۇق كۆپ ۋىدىئو ، رەسىملەرنى كۆردۈم، ھەيران قالدىم، ئۇ دوستۇمنىڭ چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى مەن يەھۇدىيلار جازا لاگىرلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردە ئۇچراتتىم …..شۇندىن كېيىن كۆڭلۈمگە ۋەھىمە چۈشتى، قورقتۇم….ئۇخلىيالمىدىم…

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي شىركەت دېرىكتورى، مەھسۇلات سېتىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغان خىزمەتچىلىرىگە سۈيدۈك ئىچكۈزگەنلىكى ۋە سۈۋەرەك يېگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان .

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۇنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا دۆلەت مەھكىمىسى «تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى» گە قاراشلىق دىنىي ئەركىنلىك ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىندا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى روبېرت سەيپىل ئەپەندى تەكلىپ بىلەن مۇھاكىمىگە قاتناشقان بولۇپ، خىتاينى تۇنجى قېتىم دىنى ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن باش ئەلچى بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى؛ ئۇ سەھ

يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەردىن بىرى مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى توختىماستىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ئامېرىكا ھەرىكەت ھالىتىنىڭ چوقۇم بىلىشىمىزگە تېگىشلىك بولغان ھەرىكەت نۇقتىلىرى بار. يەنى ئامېرىكا تاشقى سىياسەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۈيۈك ستىراتېگىيىسى (دۆلەت ئاساسىي سىياسىتى ) بار. ئامېرىكىنىڭ 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى مەنىسىزدەك تۇيۇلىشى، قارىماققا ئەھمىيەتسىزدەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئۇ مالىمانچىلىق پەيدا قىلغاندەك ۋە ئاچچىققا پايلىماي مەقسەتسىز ئېلىپ بېرىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەكتىدە باشقا مەقسەتلەر ياتماقتا. بىر قەدەم چىكىنىش ۋە تەييارلىق قىلىش مەلۇم مەقسەتنى ئىپادىلەيدۇ.

يېڭى تەۋرىنىش قەيەردە ۋە قاچان بولىدۇ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن 21 – ئەسىر گىئولوگىيلىك چاك سىزىقلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىز، تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. گىئولوگىيدىكىدەك باشقا ساھەلەردىمۇ تەۋرەش نوقتىلىرى بولىدۇ. بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ باشتا سۈركىلىشلەرنىڭ قەيەردە توقۇنۇشقا ئايلىنىدىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرىكەتلەر ئازىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىمسىز رايون قەيەر بولىشى مۇمكىن؟

تەھرىر ئىزاھاتى:
خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى فاشىزىمى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىئولوگىيىلىك، مەدەنىيەت ۋە پىسخىكىلىق تەرەپلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي يوقىتىشىغا قۇلاق يۇپۇرۇۋالغان دۆلەت__تۈركىيەدىن ئاخىرى جاراڭلىق سادالار چىقىشقا باشلىدى. تۈرك ئويغاقلىرى بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ تۈرك ئوجاكلىرى دائىمى مەركىزى ۋە زىيالىيلار بىرلىكىنىڭ «شەرقىي تۈركىستانغا دەستەك، خىتتايغا لەنەت» مەيدانى باشقا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ۋە ئورگانلارغا تارقىلىشقا باشلىدى

ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى كۆز قاراشلار سودا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۆۋەندە بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنى يىغىنچاقلايمەن.

ھەممىڭلارنى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز بىلەن قۇتلۇقلايمىز!

20-ئەسىردە ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتتا ياشاش شۇنداقلا مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىش يولىدىكى تەۋرەنمەس مىللىي ئىرادىسىنىڭ يىمىرىلمەس تارىخىي دەلىلىدۇر.