ئامېرىكا ئاۋازى (美国之音) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرى پومپىيو 10-نويابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى .
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. «يەرشارى ئۆزگىرىشى دۇچ كېلىۋاتقان ياۋروپا-ئامېرىكا يېڭى مەسىلىسى» تېمىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىدە، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى «ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان» بىرلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر يېڭى يەرشارى ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي شەكىللەندۈرگەن «ئىستراتېگىيىلىك خىرىس» قا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.
شۋېتسارىيەدىكى خەلقئارالىق ئەلرايى تەشكىلاتى كامپاكىس بۈگۈن شۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى پويىز ئىستانسسىسى ئەتراپىدا، شۋېتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۇنياۋىي بانكىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىناغا 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەشھۇر لاگېر رەسمىنى ئېسىش ئارقىلىق، بۇ بانكىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.
4- دېكابىر دوكتۇر ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرېشىت شۋېتسارىيەنىڭ لوزان ئۇنۋېرسىتېتى ۋە جەنۋە ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان-ت.) ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى (XPCC) نىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.
[مۇھىم نۇقتا] 2010- يىلىدىكى ئالتىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ۋە ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكا يىلنامەسى قاتارلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەزكۇر ماقالە قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن بايان خاراكتېرلىك تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ.
شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «مەڭگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ شائىرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، شائىرنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق قوش تىللىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «دايى» نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇلدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى.
بىر پارچە ھۆججەت ۋە بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى جوڭشىن خەلقئارا شىركىتى (Semiconductor Manufacturing International Corporation, SMIC) بىلەن
ئاۋستىرالىيە باش مىنستىرى موررىسون خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋ لىجىيەننىڭ تۋىتتېردا كىرىشتۈرۈلگەن «ئاۋسترالىيەلىك ئەسكەرنىڭ ئافغان بالىنى بوغۇزلاۋاتقان رەسمى» نى تارقاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدى.
ياپونىيەدىكى مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى ۋە ياپونىيە ھاۋا-ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى (JAXA) تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىككى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، H2A راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.
نيۇيورك تايمىز گېزىتىنىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئالما شىركىتىدىن كېيىن، نايىك ۋە كوكاكولا شىركەتلىرىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى سىياسىيونلار بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىكەن.
ئامېرىكا 22- نويابىر «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» (Open Skies Treaty) دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كېچە سائەت 1:30 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دائىش تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارىلىپ، ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
26- نويابىر ئىستانبۇل باكىر كۆي سوت مەھكىمىسىدە خىتاي ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلۈدە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تاناي ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايىتىگە سوت ئېچىلدى.
ئستانبۇل ئاۋجىلار مەھەللىسدە 2- نويابىر كۈنى ئۇيغۇر يۈسۈپجان ئەمەتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى دەپ قارالغان ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىنغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ لوندوندىن خەۋەر قىلىشىچە، 24- نويابىر ئەنگىلىيە يېڭى قانۇن جاكارلىغان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتتىكى تېلېگراف كەسپىدىكىلەر خۇاۋېي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سودا ئوبورتىنىڭ %10 ياكى ھەر كۈنى 100 مىڭ فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىنكەن.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئالتۇن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ كەلدى
ئامېركىدىكى مۆلۈك قەرزى ئومۇمى سوممىسى ئەڭ زور بانكا مورگان چېس ( (JPMorgan chase بىر پارچە دوكىلات ئېلان قىلىپ، ( (GBTCنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مىسالىنى تەتقىق قىلغان. بۇ بانكا ئىلگىرى بىتكويننى قاتتىق تەنقىد قىلغان بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، دوكىلاتتا بىتكوينگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن بازارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆرگەن بىر دەسلەپكى لايىھەگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى پات يېقىندا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا ساھەلەردىن «خىتاي سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» ۋە «خىتاي ئالەم سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (Aviation Industry Corporation of China، AVIC) قاتارلىق 89 كارخانىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلماقچى بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىن مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى سېتىۋىلىشىنى چەكلەيدىكەن.
«ئايخان مائارىپى» قۇرغۇچىسى، «تۆتقۇلاق» ژورنىلى مەسئۇلى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد(خەندان) ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇسى ب ب س باھالىغان «2020-يىللىق كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە 100 ئايال»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەسلى مەنبەدە يېزىشىچە، بۇ يىللىق باھالاش جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاياللار باھالانغان.