ئون ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ شى جىنپىڭغا يازغان خېتى: دىنىي زىيانكەشلىكنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى!

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

ياۋروپا ئېتقاد ئەركىنلىكى بىرلەشمىسى

تەرجىمان: ئەردەم

تەھرىرى: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

جىددىي مۇراجىئەتنامە

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىگە

تۆۋەندىكى تەشكىلات ۋە شەخىسلەرگە ئۇچۇر:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتى

ياۋروپا كومىتىتى باش كاتىپى

ياۋروپا كومىتىتى رەئىسى

ئامرىكا پىرىزدىنتى

مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى رەئىسى

روسىيە فىدراتسىيەسى پىرىزدىنتى

ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى پىرىزدىنتى

فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى پىرىزدىنتى

گىرمانىيە فىدراتسىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى

بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە قوشما پادىشاھلىقى باش ۋەزىرى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھەرقايسى دىنلارنى ھۆرمەتلەش، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشقا چاقىرىمىز!

مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ.

https://freedomofbelief.net/petition-to-the-president-of-the-peoples-republic-of-china#1a

      رەئىس شى جىنپىڭ:

       بىز زىمىنى كەڭ، نۇپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ رەئىسى سىزدىن ئەھۋال سورايمىز!

        بىز ئۇزۇندىن بۇيان دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ كىلىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات. دىنىي ئەركىنلىك بولسا بىر قىسىم خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق. بۇ ھوقۇقلارنىڭ بىرى 1949- يىلى ئىلان قىلىنغان « دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» 18- ماددىسى. شۇنداقلا 1982- يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» 36- ماددىسى ۋە 1994- يىلى ئېلان قىلىنغان «ئورتاق پىرىنسىپ» 53- ماددىسىدا دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بەلگىلەنگەن.

      خىتاي خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز رىقابەتكە، دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىماقتا. گەرچە مەلۇم دەرىجىدىن ئىيىتقاندا، خۇاڭ تىڭچەنگە ئوخشاش يىڭى دەۋىر كوللىكتىپلىرىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى ئېقىمغا قارشى پىكىر بىلدۈرمىسىلا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بىراق، جىياڭشى ئۆلكىسىدىكى خىرىستىيان مۇرىتلىرى ئۆيلىرىدىكى كىرىستلارنى چېقىپ تاشلاشقا مەجبۇرلىنىپتۇ، پۈتۈن چوڭ قۇرۇقلۇقتتىكى يىڭى مەزھەپ خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ يېغىلىشى چەكلىنىپتۇ، ئىبادەتخانىلار چېقىپ تاشلىنىپتۇ. ئىبادەتخانىلارغا  دىنىي ئالامەتلەر پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىنىپ، بۇتخانىلارغا كۆزىتىش ئاپپاراتى مەجبۇرىي ئورنىتىلىپتۇ، ساقچىلار تۇيۇقسىزلا ئىبادەتخانىلارغا باستۇرۇپ كىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يىڭى بەلگىلىمىدە ئائىلە ئەزالىرى پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم بېرىشى چەكلىنىپتۇ، مۇسۇلمان ياشلار مەسچىتكە كىرىشتىن چەكلىنىپتۇ، مەسچىتلەرمۇ چېقىپ تاشلىنىپتۇ. شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار «قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى»غا قامالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋىدىيولار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. باشقا رايونلاردا، خىرىستىيان يىڭى مەزھەپ پوپلىرى ۋە كاتولىك مەزھىپى پوپلىرىمۇ كەينى – كەينىدىن تۇتۇقلانغان. ئاز ساندىكى كوللىكتىپلار مەسىلەن ھەممىگە قادىر خۇدا مەزھىپى ۋە مۇرىتلىرى بىلەن فالۇن گۇمپىسى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاساسسىز تۇتۇلغان، سۈرگۈن قىلىنغان، قىينالغان ۋە تۈرمىگە سولانغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك غايىپ بولغان، بەزىلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى تىرىك تۇرغۇزۇپ مەجبۇرىي سۇغۇرىۋېلىنغان، ھەتتا ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىنغان.

         دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاراتقۇلار بۇ ۋەھشىي ئەھۋاللارنى ئۈزمەستىن خەۋەر قىلماقتا. (ئەڭ ئاستىدىكى ئۇلىنىشلارغا قاراڭ)

         بەزى مۇخبىرلار ۋە مەدەنىيەت تەشەببۇسچىلىرى ئادەم ئىشەنگۈسىز بۇ ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىغان. مەسىلەن: 2018- يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، ساقچى تەرەپ «زىمىستان» خەۋەر تورىنى پىچەتلەش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەت قوللۇنۇپ، « زىمىستان» خەۋەر تورىنىڭ بەزى مۇخبىرلىرى ۋە ماتىرىيال تەمىنلىگۈچىلەرگە تەھدىت سېلىنغان. تۆۋەنكى خەۋەردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقغا زىيانكەشلىك قىلىشى ئاشكارا ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن «جىنايەت» بىكىتىلگەن.

https://zh.bitterwinter.org/arrested-for-sending-reports-to-bitter-winter/

( https://zh.bitterwinter.org/state-security-takes-over-campaign-against-bitter-winter/

         بۇقەدەر زواراۋان، ئىچى تار قىلمىشلارنىڭ يۈز بىرىشىدىكى سەۋەب، دىنغا قارشى كوللىكتىپلارنىڭ ئىدىيىۋى بىسىمىدىن باشقا، «بىدئەت» ( سۆز مەنىسى: غەلىتە ھەم زىت ئىدىيە) نى خاتا چۈشۈنۈش سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىل خاتا چۈشەنچە كەمسىتىش، دىنىي ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى ئۇ دىنىي ئەركىنلىكنى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىغا ئىرىشكەن دىنىي كوللىكتىپ دائىرىسىدىلا چەكلەپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاز ساندىكى دىنىي كوللىكتىپنىڭ زوراۋان قىلمىشلىرىغا پىلتە بولغان.

        خىتاي قەدىمىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە كىشىنىڭ مەسلىكى كىلىدۇ،ئۇ قەدىمدە مۇھىم ئىلىم- پەن، پەلسەپە بىلىملىرىگە ئاساس سالغان. ئۇ بىلىملەر تا بۈگۈنكىچە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئوبىكتىدۇر. ئەگەر خىتاي زامانىۋىي دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ مول بىلىمگە ئىگە قەدىمىي مەدەنىيىتىنى قايتىدىن روناق تاپقۇزاي دەيدىكەن، «بىدئەت» كۆز قارىشىنى چوقۇم يوقىتىشى، ۋاز كىچىشى كىرەك.

         تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىننى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش تېخىمۇ كۈچلۈك، ئورۇنسىز جەمىيەت قالايمىقانچىلىقى، مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇشنى  كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.

          بىز سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنى رەسمىي تەلەپ قىلىمىزكى:

  • بۇ خىل ئىچى تارلىق ۋە زىيانكەشلىك تېزدىن توختىتىلسۇن.
  • خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈنلەي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلسۇن ۋە ئاساسىي قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرسۇن.
  • ھەر بىر پۇقرا ۋە شەخىس ئەركىن ھالدا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى قىلماسلىق، ئەركىن ھالدا ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى تاللاش، ھىچقانداق چەكلىمىگە ياكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەتكە يولۇقماسلىقى كىرەك.
  • ھەر خىل خاتا چۈشەنچىلەرنى يوقىتىش، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە كەمسىتىش، بىرتەرەپلىمە قاراش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز سىزگە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىغا ۋە بۇ ساھەدىكى ئەڭ ياخشى ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىلىرىگە ئاساسەن يىتەكچىل، قوللىنىشچان چارە،پىكىر- تەكلىپ تەقدىم قىلىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن خالايمىز!

2018- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى

 

ياۋروپا ئېتقاد ئەركىنلىكى بىرلەشمىسى   FOB

يىڭىدىن گۈللەنگەن دىنلار تەتقىقات مەركىزى CESNUR

تەشكىلات ۋە شەخىس ۋىجدانىي ئەركىنلىك ئۇيۇشمىسى CAP-LC

سوتىرىيا خەلقئارا مەنىۋىي كىشىلىك ھوقۇق SOTERIA International

ياۋروپا دىنىي ئەركىنلىك دىنلار ئارا سۆھبەت مۇنبىرى EIFRF

بارلىق ئىتىقاد بىرلەشمىسى AFN

ياۋروپا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى FOREF

چىگراسىز كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى HRWF

خەلقئارا مۇساپىرلار دىنىي ئەركىنلىك كۆزىتىش پونكىتى ORLIR

 خىرھارد نود دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى فوندى جەمىيىتى GNF

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلار:

https://www.washingtonpost.com/news/worldviews/wp/2017/11/14/jesus-wont…
https://www.scmp.com/news/china/policies-politics/article/2155428/china…
http://www.asianews.it/news-en/Henan,-church-banned-for-children-under-…
https://freedomofbelief.net/activities/the-denial-of-religious-freedom-…
http://www.asianews.it/news-en/Thousands-of-Muslims-protest-against-the…
https://www.washingtonpost.com/world/asia_pacific/christian-heartland-o…
https://freedomofbelief.net/articles/lord-alton-of-liverpool-shows-supp…
http://www.asianews.it/news-en/A-priests-pain:-Crosses-destroyed,-ban-o…
https://freedomofbelief.net/activities/ngos-condemn-persecution-in-chin…
https://bitterwinter.org/christian-students-persecuted-by-ccp
https://freedomofbelief.net/articles/western-voices-promoting-the-chine…
https://bitterwinter.org/book-denounces-organ-harvesting

مەنبە: ياۋروپا ئېتقاد ئەركىنلىكى بىرلەشمىسى (FOB) تور بېكىتى

https://freedomofbelief.net/petition-to-the-president-of-the-peoples-republic-of-china#1a

https://www.adhrrf.org/news-headlines/200713.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئىندىئانا ئۇنېۋېرستىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ  لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى!

جۈ ئۆكتەبىر 19 , 2018
ئىندىئانا ئۇنېۋېرستىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ  لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى! ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى،2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر 2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كىين ئىندىئاننا ئۇنېۋرستىتى ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى تېمىسىدا مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۇزۇلگەن. مەزكۇر مۇھاكىمە يېغىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاساسى ۋەزىيەتنى ئۇنېۋرسال ئارقا كۆرۇنۇش ۋە ئىلمى چۇشەنچىلەر بىلەن  يورۇتۇپ بىرىشى ،پائالىيەتچىلەرنىڭ كونكىرىت مېساللار بىلەن چۇشەندۇرۇشى ۋە […]

You May Like