ئوغۇللارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ 20 خىل يوشۇرۇن ئىپادىسى

ئوغۇللارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ 20 خىل يوشۇرۇن ئىپادىسى

توغرا بولسۇن،خاتا بولسۇن ،باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باققۇلۇق .

ئوغۇللارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ 20 خىل يوشۇرۇن ئىپادىسى
ئوغۇللارنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ 20 خىل يوشۇرۇن ئىپادىسى
1. مەيلى ئۇ ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋالسۇن، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنىلا ئىختىيارسىز سىزگە قاراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بەلكىم ئۇ سىزنى ئېھتىيات بىلەن ئوغرىلىقچە كۆزىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز بايقاپ قالسىڭىز ياكى بېشىڭىزنى ئۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىسىڭىز، ئۇ تېز سۈرئەتتە كۆزلىرىنى سىزدىن ئېلىپ قاچىدۇ. بەلكىم ئۇ سىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز بايقاپ قالسىڭىز، سىزگە قاراپ ئوڭايسىزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. 2. سىزگە ئۇچراپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر توپ دوستلىرى چاقچاق قىلىپ كېتىشى مۇمكىن. 3. سىزنى دائىم «بوزەك» قىلىۋالىدۇ. كىتاب ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ كىتابىڭىز ۋە قەلىمىڭىزنى ئوغرىلىقچە يوشۇرۇپ قويۇپ، سىزنى ئىزدىتىپ جىلە قىلىدۇ، بەزىدە سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ قويىدۇ. 4. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قاتتىق سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ. بەزىدە سىز ھەيران قېلىپ ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانداق بىلىدىغانلىقىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ دۇدۇقلاپ يوق باھانە سەۋەبلەرنى تاپىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزنى ئاستىرتىن ئېنىقلاپ بولغان.  5. مۇھەببەت دېڭىزىغا چۈشكەنلەر دائىم ئېھتىياتچان بولۇپ قالىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھەرقانچە مەنمەنچى ئوغۇل بالا بولسىمۇ، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھارىڭىزغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. پەقەت چاقچاق ئۈچۈن قىلىپ قويغان بىرنەچچە ئېغىز گېپىڭىزمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئاسمان-زېمىن ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن. 6. ئۇنىڭ بارچە نەزىرى سىزگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى يانفونىدا ئوغرىلىقچە ساقلايدۇ، سىزنىڭ ھەربىر خۇشاللىقىڭىزنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىدۇ. ئەگەر سىزگە بىرەر خاپىلىق كېلىپ قالسا، بىرىنچى بولۇپ سىزگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇرمىسىڭىز ئۇ ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ ئازابلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بىر ئېغىز ئەركىلەپ قويسىڭىزلا ئاچچىقى شۇ ھامان يېنىغا كېتىدۇ. 7. ناھايىتى ئاسانلا كۈنلەپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئازابلىنىدۇ. كۈنلەشنىڭ سەۋەبى بولسا: سىز باشقا ئوغۇللار بىلەن كۆپ چاقچاقلىشىپ قويسىڭىز، ھەتتا دوستلىرىڭىز بىلەنمۇ كۆپ پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتسىڭىزمۇ سىزنى كۈنلەپ قېلىشى مۇمكىن، ئادەتتە ئۇ سىز بىلەن ئوتتۇرىسىدا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىكى ھەممە نەرسىنى ياقتۇرمايدۇ. 8. سىز بار سورۇنلاردا ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئادەتتە كوت-كوتراق بولسا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلگەندىن كېيىن كۆپ گەپ قىلمايدىغان، ناۋادا كۆپ گەپ قىلمايدىغان بولسا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلگەندە كۆپ گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. 9. ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرىدىغان بولىدۇ، دوستىنى ئاۋارە قىلىپ كىيىم تاللىغۇزۇش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. 10. تۇيۇقسىزلا پاكىزلىقنى سۆيىدىغان، شەخسىي تازىلىققا ئېتىبار بېرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلگەندە، تىرناقلىرىنى پاكىز ئېلىپ، چاچلىرىنى يۇيۇپ، كىيىم-كېچەكلىرىدىن سوپۇن پۇرىتىپ كېلىدۇ، سىزگە ئەڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ. 11. سىزگە ئارىلاپ-ئارىلاپ كىچىك سوۋغىلارنى بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سوۋغىلار سىزنىڭ ئامراق نەرسىلىرىڭىز بولىدۇ. 12. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنىڭ ئاخسا ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلايدۇ. مەسىلەن، گارغا قانچە توپ كىرگۈزگەنلىكىنى، سىز ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان مەسىلىلەر، ئويۇنلاردىكى قىزىقارلىق ئىشلار دېگەندەك… 13. ھېچقانداق ئىش بولمىسىمۇ سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلايدۇ. دائىم سىزگە «نېمىش قىلىۋاتىسىز؟»، «تاماق يېدىڭىزمۇ؟»، «چۈشتىن كىېىن نېمە ئىش قىلىسىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرۇۋېتىدۇ، دائىم تەكرارلايدۇ. 14. سىز ئۇ توغرىلىق گەپ قىلغاندا ئۇ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىدۇ. سىز ئۇنىڭ ھاياتىدا پەيدا بولغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ھايات لۇغىتىدە «خىجىل بولۇش» دېگەن سۆزنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ. 15. سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزدىكى ۋە مىكرو بىلوگىڭىزدىكى ھەممە مەزمۇنلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقىدۇ. بۇ جايدا «ھەممە مەزمۇن» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىڭ، بۇ سۆزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى مەيلى سىز دوستلار چەمبىرىكىدە تۆت-بەش يىل ئىلگىرى چىقارغان مەزمۇنلار بولسۇن، ياكى ئۆزىڭىزمۇ بىلىپ بىلمەي چىقىرىپ قالغان مەزمۇنلار، ئۆز تارتىم سۈرەتلىرى ياكى چ چ بوشلۇقلىرىدا مەقسەتسىز چىقىرىپ قويغان بىرەر ئېغىر سۆزىڭىز بولسۇن ھەممىسىنى ئوقۇپ «تەتقىق» قىلىپ چىقىدۇ. ھەتتا بۇرۇنقى يازمىلىرىڭىزغا ئارقا-ئارقىدىن يۈرەك بېرىپ، باھالارنى يېزىپ قۇيىدۇ. سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزنى چۈشىنىشىڭىزنى خالايدۇ. 16. سىزگە كەلگەندە ئۇ مەڭگۈ «بىكارچى». سىز بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇ ھەر ۋاقىت ناھايىتى تېز سۈرەتتە جاۋاب قايتۇرىدۇ. ھەتتا قىلىۋەتكەن گەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئېكراننى توشقۇزۇۋېتەي دەپ قالىدۇ. ھەتتا يۇيۇنۇۋاتقان ۋاقىتتىمۇ يانفوننىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە تەڭشەپ قۇيىدۇ، بۇنداق بولغاندا يەنە سىزگە تېز سۈرەتتە ئۇچۇر قايتۇرالايدۇ. ئۇ يەنە سىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ، سىز ياخشى كۆرىدىغان كارتونلارنى كۆرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلىرىنىمۇ تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىردىنبىر قىزىقىشى سىزنى چۈشىنىش بولۇپ قالىدۇ. 17. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى كۈچلۈك، باتۇر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. سىز ۋاسكېتبول مەيدانىدا پەيدا بولغان شۇ پەيتتە، ئۇ قاتتىق ھاياجان بىلەن قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىدۇ، توپ كىرگۈزگەن شۇ پەيتتە ئۇ تېز سۈرئەتتە سىزگە قارايدۇ. سىز بىلەن بىرگە تاماق يېگەندە، ياكى سورۇندا ئىزچىل سىزنى قوغدايدۇ. 18. سىز بارغانچە ئىككىڭلارنىڭ كۆرۈشۈش قېتىم سانىڭلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويۇشتا دائىم يىراق يوللارنى تاللاپ ماڭدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ سىز توغرىلىق نۇرغۇن بولمىغۇر خىياللارنى قىلىپ باققان، ئەمما ئۇ دائىم سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلسىلا جىمجىت تۇرىدۇ خالاس، ئۇنىڭغا پەقەت سىز بولسىڭىزلا بولدى. 19. يېنىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز پات-پات ئۇنىڭ گېپىنى تىلغا ئېلىپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى سورايدۇ. مۇھەببەتمۇ لايىقىدا بولغان ياخشىدە، شۇڭا ئۇنىڭ دوستلىرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ سىزدىن گەپ ئېلىشى، ھەرگىزمۇ باشقا مەقسەتتىن ئەمەس بەلكى، سىزنىڭ ئۇنى ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ بېقىپ ئاندىن قوغلىشىش ئۈچۈندۇر. 20. ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى ۋە نەرسىلەرنى سىز بىلەن تەرەپ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. مەسىلەن: بىرەر يېڭى ئويۇن چىقسا، ياكى بىرەر داڭلىق پۇتبول چولپىنى سەپتىن چېكىنسە ۋە ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ناخشا بولسىمۇ سىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى خالايدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر دەل ئەتراپىڭىزدا سىزنى ئەگىپ يۈرىدىغان، ئاشۇ يىگىتنىڭ سىز بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغان ئىش ھەرىكەتلىرى. ناۋادا ئۇنىڭدا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە مۇبارەك بولسۇن، بۇ يىگىت سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تىرىشچانلىقى بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقان ئايال

چا ئاپرېل 25 , 2018
تىرىشچانلىقى بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىنى ياراتقان ئايال

You May Like