ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 4-ئىيۇن
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 3-ئىيۇن كۈنى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى ۋە يۇرتىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا دۇنيانىڭ مىڭلىغان داڭلىق ماركا ۋە زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا سېلىنغانلىقىغا ئائىت تەكشۈرۈش ئاخبارات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر ماقالە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەۋزەل ئورنىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە تايانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
مەزكۇر تەكشۈرۈش ماقالىسى دانيال مۇرفى تەرىپىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، داڭلىق ماركىلاردىن تېسلا، ئالما، مانچېستېر يۇنايتىد، مىدىيا، ۋولكسۋاگېن… ۋە يەنە يۈزلىگەن ئېلېكترون، ماشىنا، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى ماركىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچىلىققا سالىدىغان زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
مەزكۇر تەكشۈرۈش ماقالىسى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر يەنە بىر مۇھىم پاكىت بولۇپ، ئاۋسترالىيە ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە ئادرىيان زېنزنىڭ ئالاقىدار دوكلاتلىرىدىن كېيىنكى مۇھىم بۆسۈش ۋە يورۇتۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارا قانۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قانۇنى بويىچە، ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان مەزكۇر زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئامېرىكىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» ماقۇللىنىپ، كەسكىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن.
مەزكۇر تەكشۈرۈش ماقالىسى ئىنچىكە تەپسىلاتلار ۋە كۈچلۈك دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا پۇلىتزېر قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە تارقىتىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىچە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرمىدى.