نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇيغۇرلار

15-سېنتەبىر سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ 50% نېفىت ئ‍شلەپچىقىرىشىغا تەسر كۆرسەتكەن. ۋەقەدىن كىيىن سەئۇدى نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، دۇنيا نىفىت بازىرىدا نېفىت باھاسى شددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2019-يىلى 17-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون

 

15-سېنتەبىر سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ 50% نېفىت ئ‍شلەپچىقىرىشىغا تەسر كۆرسەتكەن. ۋەقەدىن كىيىن سەئۇدى نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، دۇنيا نىفىت بازىرىدا نېفىت باھاسى شددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

يەمەندىكى ھۇسىيلار ئۆزلىرىنى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۇسىيلار 2015-يىلدىن بىرى يەمەندە سەئۇدى باشچىلىقىدىكى سۈننىيلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ كېلىۋاتقان، ئىراننىڭ قوللىشدىكى قوراللىق كۈچلەردىن ئىبارەت. يەمەندە ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىن ئۆلۈم -يېتىم كۆپ كۆرۈلگەن، مىلىيونلارچە كىشى يۇرتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، يۇرت خانىۋەيران بولغاندىن كىيىنكى يەمەن ئۇرۇشى-ئ‍نسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئۇرۇش دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسدە «ئاخبارات تارماقلىرىمىز ھۇجۇمنىڭ ئىراندىن كەلگەنلىكىنى غايەت زور ئېنىقلىق بىلەن جەزىملەشتۈرىدۇ» دەپ ئېلان قىلدى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ بۈگۈن مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قىلغۇسى يوقلۇقىنى، ئۆتكەن قېتىملىق ئىراننىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئ‍ۇرۇپ چۈشۈرىۋەتكەندە، ئەنگىلىيە پاراخوتىنى تۇتقۇن قىلغاندىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىم ئىراننىڭ لۈكچەكلىكىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاراتقۇلار ئامېرىكىنىڭ قانداق ئاخبارات ئارقىلىق ئىراننىڭ ھۇجۇم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى سورىغاندا، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇنىڭ ئاخبارات مەنبەسى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو بۈگۈن بىر ئۆمەك باشلاپ سەئۇدىغا بىرىپ، ئۇچۇر ئ‍ورتاقلىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەدلىيە كومىتىتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىن لىنزى گىراخام : ئامېرىكا ئىرانغا دەرس بېرىشى كىرەك، ئىران ھەددىدىن ئاشتى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزدى دەپ سۆزلىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى، دىموكراتچى نەنسى پىلوسى ئاۋام پالاتاسىدا سەئۇدىنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدە بۈگۈن بىر يېغىن ئاچماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان جون بولتون باشتىن ئاخىرى پرېزىدېنت دونالد تىرامپنى ئىرانغا ھۇجۇمغا قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكى ئ‍ۈچۈن ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، تىرامپ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئىران ئۇرۇشى پايدىسز دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق ئېتتىپاقدىشى ئ‍سرائىلىيە يىللاردىن بىرى، ئىراننىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ يادرو بومبىسى ياساپ ئوتتۇرا شەرقنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ۋە غەرپنىڭ ئالدىن قول سېلىش كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ كىلىۋاتىدۇ.

ئىران ختتاي ۋە روسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېقىن ئېتتىپاقدىشى بولۇپ، ئىراق-سۈرىيە ئۇرۇشى پارتىلانغاندىن كىين، بۇ دۆلەتلەردىكى شىئە كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئاخباراتلار بۇ ئۈچ كۈچنىڭ تەرەققىياتىدا ئىراننىڭ بىۋاستە ھەرىكەتكە مەسئۇل، روسىيەنىڭ قورالغا، ختتاينىڭ مالىيە تەمىنلەشكە مەسئۇل بولۇپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ختتاي -ئامېرىكىغا قارشى تۇرالايدىغان ئىراندەك بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا قارشى مەيدانىدىن ۋاز كەچمەسلىكى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. يىل بېشىدا ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان ئوباما دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئالتە تەرەپلىك ئىران يادرو كىلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىراننى شەرتسز يادرو قورالى تەرەققى قىلدۇرۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئىراننىڭ يادرو ئېكىسپورتىنى چەكلەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋىلىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ختتاي داۋاملىق ئىراندىن نېفىت سېتىۋالغان.

2018-يىلى يىل ئاخىرىدا كانادادا قولغا ئېلىنغان ختتاينىڭ خۇا ۋېي شركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجۇ -خۇا ۋېي شركىتىنىڭ خەلىقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا ئىرانغا تېخنىكا، مالىيە ۋە ئۇچۇر ياردىمى قىلغانلىقى بىلەنمۇ قوشۇلۇپ ئ‍ەيىپلەنمەكتە.

تۈركىيە- 2016-يىللىق ھەربى ئۆزگىرىشتە، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ غەرپكە بولغان ئ‍ىشەنچىسى ئاجىزلاپ، ختتاي، روسيە ۋە ئىران تەرەپكە مايىل بولۇپ، ئامېرىكا، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى غەرپكە قارشى مۇقام توۋلاپ كەلدى. ختتاي تۈركىيەگە ئ‍ىشەنمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا مىديالىرىدا سۆزلەپ كىلىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈنكى ختتاي يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە بۇنى ئېنىق بىلدۈردى. ئەمما ئەڭ كۆپ ئ‍ۇيغۇرلارغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەنى ختتاي قويۇۋەتمەيدۇ. تۈركىيەنىڭ ئېقتىسادى ئاجىزلىقى-تۈركىيەنى داۋاملىق ختتاي بىلەن يېقىنلاشتۇرىدۇ. تۈركىيە بىلەن غەرپنىڭ يېقىنلىشىشى -تۈركىيەنى ختتايدىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىر ئامىل بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق. ئەردوغان ئۈچ كۈن ئالدىدا بەلكىم بىز ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشىمىز مۇمكىن دېگەن سۆزى ختتايدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئوتتۇرا شەرقتە -ئامېرىكىغا قارشى دۆلەتلەر كۆپ، ئ‍ەمما ختتايغا قارشى دۆلەتلەر يوق. سەئۇدى ئەرەبستان، مسر، سۈرىيە، ئىراق، ئىران، تۈركىيە، پەلەستىن ھەممىسى -ختتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا ياكى مەخپى ھالدا قوللاۋاتقان، تۇتۇپ بىرىۋاتقان، ب د ت دا ختتاي بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىن ئىبارەت.

نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق يەنىلا قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇش پارتلىسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايەت زور پايدىسىز بىر رىئاللىق شەكىللىنىدۇ. ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتى قانلىق ئۇرۇشقا مەركەزلىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جىددى قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇلىدۇ. غەرپنىڭ دىققىتى ختتايدىن ئىبارەت چوڭ دۈشمەندىن ئىرانغا يۆتكىلىدۇ.

ختتاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. غەرپنىڭ ھەممىگە ئۈلگۈرگۈدەك ھەپسىلىسى بولمايدۇ. غەرپنىڭ ئ‍سلام دۇنياسىدىكى ئوبرازى داۋاملىق خۇنۈكلىشىدۇ. گەرچە ئىران شىئە بولسىمۇ، ئ‍سلام دۇنياسىدا بەلگىلىك ئورنى بار. بۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ھەمكارلىرى ختتاي ھۆكۈمىتىدىن پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەققىدە سۈرۈشتۈردى

سە سېنتەبىر 17 , 2019
ئۆتكەن ھەپتە پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا، باش ئورگىنى ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ( Amnesty International) تەرىپىدىن ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە باشقۇرۇشىدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا فوكۇس» خەلقئارا ئاخباراتچىلار كۇلۇبىدىكى ختتايدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىگە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ تاشپولات تېيىپ ئەپەندىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ختتايدىن بۇ ھەقتە سۇئال سوراشنى ھاۋالە قىلغانىدى.

You May Like