فىرانسىيەگە قاراشلىق ئارال يېڭى كالېدونىيە خەلقى مۇستەقىللىققا قارشى% 96 بېلەت تاشلىدى، فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا قېلىشنى تاللىدى

فىرانسىيەگە قاراشلىق ئارال يېڭى كالېدونىيە خەلقى مۇستەقىللىققا قارشى% 96 بېلەت تاشلىدى، فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا قېلىشنى تاللىدى


 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 12-دېكابىر

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى خەۋىرى 

تەرجىمىدە: ھەبىبۇللا ئىزچى

فىرانسىيەگە قاراشلىق ئارال خەلقى، يېڭى كالېدونىيە 12-دېكابىردىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە مۇستەقىللىقنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلدى. يېڭى كالېدونىيەدىكى فىرانسىيە يۇقىرى كومېسسىيەسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، بارلىق بېلەتلەرنى ساناپ بولغاندىن كېيىن ، مۇستەقىللىققا قارشى تۇرۇش نىسبىتى% 96.49 كە يەتكەن. مۇستەقىللىق ھەرىكىتى رېفېراندۇمنى بايقۇت قىلغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ ،% 43.90 كە يەتتى. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە جەمئىي 80 مىڭ 938 سايلىغۇچى قاتناشتى. رېفېراندۇم نەتىجىسىگە قارىتا، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون تېلېۋىزىيە نۇتقىدا مۇنداق دېدى: « بۈگۈن كەچتە فىرانسىيە تېخىمۇ گۈزەل، چۈنكى يېڭى كالېدونىيە داۋاملىق فىرانسىيە باشقۇرۇشىدا قېلىشنى قارار قىلدى.»

يەكشەنبە كۈنى فىرانسىيە يۇقىرى كومېسسىيەسىنىڭ يېڭى كالېدونىيەدە ئېلان قىلغان رەسمىي نەتىجىسىگە قارىغاندا، يېڭى كالېدونىيە% 96.49 بېلەت بىلەن مۇستەقىللىققا كەڭ كۆلەمدە «قارشى تۇرغان».  مۇستەقىللىق تەرەپدارى «بىرلىك» پارتىيەسى% 3.51 بېلەتكە ئېرىشتى ، قۇرۇق ۋە ئىناۋەتسىز بېلەت% 2.99 نى ئىگىلىدى. شۇ يەردىكى مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان سىياسىي پارتىيەلەر بۇ قېتىملىق رېفراندۇمغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار قاتناشماسلىقنىڭ سەۋەبىنى : خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك كاناك خەلقى يېقىندىن بۇيانقى مەزگىللەردە قايغۇ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ رېفراندۇمغا قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن.

مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى پارتىيەلەر بېلەت تاشلاشنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغاندا، بۇ رېفېراندۇمدا سايلىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى% 43.90 بولۇپ ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن. يېڭى كالېدونىيە ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسباننىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان جەنۇبى تىنچ ئوكياندىكى كاپرىكورن تروپىك بەلۋېغىغا يېقىن. بۇ رايون ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭى كالېدونىيە ۋە ۋاپادارلىق ئارىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە فىرانسىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

1998-يىلدىكى «نومېئا كېلىشىمى» گە ئاساسەن ، فىرانسىيە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن باشقا ، 1998-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، يېڭى كالېدونىيە ھۆكۈمىتىگە بىر قىسىم ھوقۇق ۋە بىر قانچە ئورگاننى تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى.

«كېلىشىم» دە يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كەلگۈسى 15-20 يىل ئىچىدە ، ئاراللار مۇستەقىللىق رېفېراندۇمنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى مۇستەقىللىقنى تاللىسا ، فىرانسىيە قالغان ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئارىدا  يەنە ئىككى قېتىم بېلەت تاشلايدۇ. ئەگەر مۇستەقىللىق ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا يەنە رەت قىلىنسا، ئاراللارنىڭ كەلگۈسى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. »

كالېدونىيە خەلقى2018 – 2020-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق رېفېراندۇمدا يەرلىك سايلىغۇچىلار مۇستەقىللىقنى قوللىماسلىققا بېلەت تاشلاپ ، فىرانسىيەدە قېلىشنى تاللىدى. يەكشەنبە كۈنىدىكى بۇ رېفېراندۇم يېڭى كالېدونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى ۋە ئاخىرقى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ماكرون يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن پارىژ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى:« كالېدونىيەلىكلەر فىرانسىيەدە قېلىشنى تاللىدى. ئۇلار ئەركىن قارار قىلىشنى قارار قىلدى. پۈتۈن دۆلەتكە نىسبەتەن بۇ تاللاش بىر خىل ئىپتىخارلىنىش ۋە ئېتىراپ قىلىش…بۈگۈن ئاخشام ، فىرانسىيە تېخىمۇ گۈزەل ، چۈنكى يېڭى كالېدونىيە داۋاملىق فىرانسىيەدە قېلىشنى قارار قىلدى. ھەممىمىز تارىخىمىزنى ئۇلۇغۋار ۋە ھۆرمەت بىلەن يېزىشىمىز كېرەك: كارناكنى ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەسلەيدىغان بىر بۆلەك، ئۇلار نومىيا كېلىشىمى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تۇنجى مىللەت.ئۇلارنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىكى مەۋجۇتلۇقى قىممەتلىك پۇرسەت… بۇنى تارىخ ۋە كالېدونىيىلىكلەرنىڭ يېڭى كالېدونىيە ئارىلىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىدۇ ، ئۇلار بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ ،بۇ تۇپراقلاردا ئەركىن ،ھۆر ئادەم بولۇپ ياشايدۇ. ئۇلار تىنچ ئوكياننىڭ خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغان ، مىللىي بوشلۇقىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.» 

ماكرون يەنە مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە ، يېڭى كالېدونىيەدىكى ھۆرمەتلىك يۇرتداشلار ، فىرانسىيە سىزنىڭ ۋەتىنىڭىز بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۈگۈن كەچتە  ئۇ ، قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىزلەرنى قوغدايدىغانلىقى ۋە سىزلەر بىلەن بىللە ياشايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى…يېڭى كالېدونىيە ياشىسۇن ! جۇمھۇرىيەت ياشىسۇن ! فىرانسىيە ياشىسۇن!»

ماكرون كەينى-كەينىدىن تىۋىتتېر ھېسابىدا:« كالېدونىيەلىكلەر فىرانسىيەنى ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىشەنچنى تاللىدى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. ھازىر بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئارزۇ قىلغان ۋە تەشەببۇس قىلغان ئورتاق قىممەت قاراشنى داۋاملىق بەرپا قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.» دەپ تىۋىت ئېلان قىلدى.


قوشۇمچە: 

يېڭى كالېدونىيە ئارىلى  ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقى شىمالىغا 1500كىلومېتىر كېلىدىغان تىنچ ئوكياننىڭ ئىچىگە جايلاشقان تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، 1853-يىلىدىن باشلاپ فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە زېمىنى بولغان. مەزكۇر ئارالنىڭ نوپۇسى 270مىڭ بولۇپ، نوپۇسىنىڭ 44.6% تى يەرلىك مىللەت كاناكلاردىن(Kanak) تەشكىللەنگەن مېلانېس(Melanesians) مىللىتىدىن، 34.5% ياۋروپالىقلار، 11.8%  تى پولىنەيزلەر(Polynesians) ئىكەن. 

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەيلى كاناك، مېلانېس ياكى ئوكئانىيە قىتئەسىگە تارقاق ئورۇنلاشقان پولىنەيزلەر بولسۇن ھەممىسى ئورتاق ھالدا ئىندىجىنىس ئىنسانلار تۈركۈمىگە كىرگۈزۈلگەن مىللەتلەردىن ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بىلال ئۇيغۇرنىڭ گېپى بار

سە دېكابىر 14 , 2021
بىلال ئۇيغۇرنىڭ گېپى بار

You May Like