بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 5- فېۋرال
بۈگۈن 2021- يىلى 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە 24 يىل بولغان كۈن. ھەر يىلى 5- فېۋرالدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئاممىۋىي يىغىلىش، نامايىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئاپەت بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئاممىۋى يىغىلىشلار چەكلەنگەن ئىدى.
نورۋىگىيەدىكى بىر قىسىم ياشلار كوچىلاردا «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى توختات!»، «5- فېۋرالدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز!» دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ، 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىدى.
1997- يىلى 5- فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى مىڭلغان ياشلار مەشرەپ قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنىڭ ۋە پۇتبول قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ قەستەنلىك بىلەن يامراپ كېتىشى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ناھەق ئادەم تۇتۇپ سولىغان، ئۆلتۈرگەن جىنايەتلىرىگە قارشى كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، نامايىش قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سۇ چېچىپ، توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈش، ئىتقا تالىتىپ ئۆلتۈرۈش، ئوققا تۇتۇپ قىرىپ تاشلاشتەك قانلىق قىرغىنچىلىقى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى. قانخور جاللاتلار بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، يەنە ئونمىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىك تۇرۇپ سۇغۇرۇپ ئېلىپ، خەلقئارالىق قاراڭغۇ بازارلاردا ساتقان بولسا، قالغان بىر قىسمىنى قىيناش، سۇ تۈرمىلىرىگە سولاش قاتارلىق ئىنتايىن ناچار شارائىتقا تاشلاپ قويۇپ، سالامەتلىكىدىن تامامەن ئايرىغان. نۇرغۇن ياشلار تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغانلىرىمۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن ياشىيالمىغان ئىدى.