نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىش چاقىرىقى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىش چاقىرىقى

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار!

ن

بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تۈرمىلەردە، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان بەرگەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ، ئىچكى ئەزالىرى سۆكۈپ ئېلىنىپ، خەلقئارا ئورگان بازارلىرىدا ‹ھالال ئەزا› دەپ ئاشكارا سېتىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ، مەجبۇرىي ھالدا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ھەدە -سىڭىللىرىمىزنىڭ… بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەكتە!

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2024-يىلى 5-فېۋرال كۈنى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پايتەخت ئوسلودا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكچى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان، ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر» دەپ ھېسابلايدىغان ۋە ھەقىقىي ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىنى يوقاتمىغان بارچە قېرىنداشلىرىمىزنى شۇ كۈنكى نامايىشقا قاتنىشىشقا چاقىرىمىز!

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن ئاشۇ كۈنى، نەق مەيداندىلا 100 دىن ئارتۇق ئوغلانلىرىمىز ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قالغان نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىندى، قەھرىتان سوغۇقتا يالىڭاچلىنىپ سوغۇق سۇ چېچىلدى، غالجىر ئىتلارغا تالىتىلدى..! ۋەقەدىن كېيىن 4000 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلدى، ئۇلاردىن 200 دىن كۆپرەكى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى!!

بىز بۈگۈن بۇ يىراق يۇرتلاردا، ۋەتىنىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان جانلار بەدىلىگە خاتىرجەم ياشىماقتىمىز. ئۇلارنى ياد ئېتىش، خاتىرىلەش ۋە دۇئا قىلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مىللىي، ۋىجدانى ۋە ئىمانى بۇرچىمىزدۇر! بۇنىڭدىن باش تارتىش شېھىتلىرىمىزگە، قەھرىمانلىرىمىزغا، خەلقىمىزگە قىلىنغان تۇزكورلۇق ۋە ۋىجدانسىزلىقتۇر!

«5-فېۋرال» نامايىشىغا كېلىڭ! سىزدىن قان كەتمەيدۇ، جان تېخىمۇ كەتمەيدۇ! پەقەت ۋە پەقەتلا 1-2 سائەتلىك ۋاقتىڭىز كېتىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن كىچىككىنە بىر ئىش قىلغان، ئۇيغۇرلۇق بۇرچىڭىزنى ئاز بولسىمۇ ئادا قىلغان بولىسىز، ۋىجدانىڭىز تەسكىن تېپىپ، راھەتلىنىپ قالىسىز!

نامايىش ۋاقتى: 2024-يىل، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى(دۈشەنبە)، چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30-15:30 غىچە.

نامايىش ئورنى: ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا

ئادرېسى: Tuengen allé 2B, 0374 Oslo

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى

2024-يىل 21-يانۋار

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۆزبېكىستان پىرەزدىنتى شەۋكەت مىرزىيايېف

سە يانۋار 23 , 2024
   شەۋكەت مىرزىيايېف-ئۆزبېكستان پىرەزدىنتى، ئۆزبەكستان قوراللىق كۈچلىرى (Armed Forces of Uzbekistan )نىڭ باش قوماندانى.ئۇ 2003-يىلدىن 2016-يېلغىچە باش ۋەزىر (باش منستىر )بولغان. شەۋكەت مىرزىيايېف، 66 ياش. 1957-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جىزاقتا تۇغۇلغان. 1981-يىلى تاشكەنت يېزا ئىگىلىك-سۇچىلىق ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىنۇستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، تېخنىكا ئىلمى بويىچە دوكتور كاندىداتى.  1981-يىلدىن 1990-يىلغىچە تاشكەنت يېزا […]
شەۋكەت مىرزىيايېف

You May Like