نىيۇيورك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە نامايىش

بۈگۈن 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – قىتىملىق ئومۇمى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش شىتاۋىدا ئىچىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى نىيۇيورك شەھەرىگە جايلاشقان ۋە ئاساسلىق يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر راللي گۇرپىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەركىتى (كامپائىگن فور ئۇيغۇر) بىرلىكتە نىيۇيورك شەھەرىدىكى خىتتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆزگىچە بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نىيۇ يورك شەھەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە نامايىش

دوختۇر مەمەتئىمىن

2019-9-17

  بۈگۈن 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – قىتىملىق ئومۇمى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش شىتاۋىدا ئىچىلغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى نىيۇيورك شەھەرىگە جايلاشقان ۋە ئاساسلىق يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر راللي گۇرپىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەركىتى (كامپائىگن فور ئۇيغۇر) بىرلىكتە نىيۇيورك شەھەرىدىكى خىتتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆزگىچە بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.   9 – ئاينىڭ 17- كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 45 ئۆتكەندە خىتتاينىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخا بىناسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ھادىسون دەرياسى بويىغا ئۇيغۇر، يەھۇدى، خوڭكوڭلۇق ۋە باشقا ئامىركىلىقلار بولۇپ 30 غا يىقىن ئادەملەر توپلاشقان بولۇپ، ئۇلار چوڭ رەسىم چۈشۈرۈش ئاپىراتى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات رەسىملىرىنى خىتتاي كونسۇلخانا بىناسىغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى لاگىرلارغا ئۆز نارازىلىقىنى ئالاھىدە ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلىدى. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم سانى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق پالىيەتكە قاتناشقۇچىلار، لاگىرغا قارشى بۇ نارازىلىقنىڭ، ب دت نىڭ 74 – قىتىملىق ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىم كۈنىدە، خىتتاي ئەلچىخانىسى بىناسى ئۈستىدە ئىزھار قىلىنىشىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈشتى.      

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى -رابىيە قادىر خانىم سۆھبەتلەشتى

جۈ سېنتەبىر 20 , 2019
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-يىلى 20 -سىنتەبىر ۋاشنگىتون، ئافراسياپ 19-ستىنەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى خانىم ئۆزىنىڭ تېۋتتىر ھساۋاتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە،مىنىڭ قەدىرلىك دوستۇم، لىدىر ۋە يىتەكچى رابىيە قادىرنى قارشى ئىلىپ،  ئۇنىڭ ئىز-دىرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن». نەنسى پىلوسى يەنە رابىيە […]

You May Like