نەبىجان تۇرسۇن تەۋەللۇتىنىڭ 60-يىلى تەبرىكلەندى

نەبىجان تۇرسۇن تەۋەللۇتىنىڭ 60-يىلى تەبرىكلەندى

نەبىجان تۇرسۇن تەۋەللۇتىنىڭ 60-يىلى تەبرىكلەندى

 

قازاقىستان ئۇيغۇر ئېتنو مەدەنىيەت مەركىزى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 17-ئاپرېل

 

2023-يىلى 15- ئاپرېل كۈنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى، ئۇنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى، ئالىملار كېڭىشى ۋە قازاقستان ئۇيغۇرياشلار بىرلىگى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاتاقلىق ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ 60 ياشلىق  تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان «ئالىم بىلەن ئىجادىي ئۇچرىشىش ماۋزۇسىدىكى زووم پلاتفورمىسى ئاساسىدا خەلىقارالىق ئىلمىي-مۇھاكىمە ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى.

 

بىولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئاكادېمىك، ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋېلەموۋنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ئۆتكەن مەزكۈر ئۇچرىشىشتا ژووم رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، ژووم ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، مېد.پ.ن. ئەبەيدۇللام جاپپاروۋ، ژووم ئالىي كېڭەش رەئىسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوۋ تەۋەللۇت ئېگىسى نەبىجان تۇرسۇننى سەمىمىي تەبرىكلەپ، ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنلۇق ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئاندىن سۆزگە چىققان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئالىمنىڭ ئاساسىي ئىلمىي-تەتقىقات ئەمگەكلىرى ۋە ئۇتۇق-مۇۋاپپەقىيەتلىرى» ماۋزۇسىدا دوكلاد قىلدى. نوۋەتتە سۆز ئالغان ر.ب. سۈلېيمېنوۋ  نامىدىكى  شەرقشۇناسلىق  ئىنستىتۇتى  ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، فىلول.پ.ن. رەخمەتجان يۈسۈپوۋ «كەسىپداشنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە سۆز» ماۋزۇسىدا دوكلاتىنى ئوقۇدى. 

 

ن. تۇرسۇن بىلەن بولغان ئىجادىي ئۇچرىشىشتا سۆزگە چىققان ئۆزبەكستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرىقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پ.د. ئابلەھەت خوجايېۋ، ئازىلىك ئامېرىكىلىق ئاسىيالىقلار جەمىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاھىر ئىمىن ،  ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئابلەت ئسېمەت ، ئەنقەرە  ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ-گېوگرافىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەركىن ئەمەت،بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مەغپىرەت كامال، «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، فىلوس.پ.ن. ئەكبەرجان باۋدۇنوۋ ، موسكۋا، روسسىيە  ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى رەفقەت سادىقوۋ، ئاگرارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاكادېمىك شايىمەردان شەرىپوۋ، م. ئاۋېزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلول.پ.د. ئالىمجان ھەمرايېۋ، تىجارەتچى ئازتېكىن ئىبراھىموۋ ۋە باشقىلار ئالىمنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

پارتىلاتقۇچ: «پىرەزدىنتلىق سايلىمى ساختا»دەپ خەۋەر تارقاتقان فوكس خەۋەرلىرى تۆھمەت جىنايتى بىلەن 788 مىلىيون دوللار تۆلەم تۆلەيدىغان

سە ئاپرېل 18 , 2023
پارتىلاتقۇچ: «پىرەزدىنتلىق سايلىمى ساختا»دەپ خەۋەر تارقاتقان فوكس خەۋەرلىرى تۆھمەت جىنايتى بىلەن 788 مىلىيون دوللار تۆلەم تۆلەيدىغان

You May Like