ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى قىزغىن كۈتۈۋالدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى قىزغىن كۈتۈۋالدى

 ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى قىزغىن كۈتۈۋالدى 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى23-نويابىر

19-نويابىر شەنبە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە تارىخ پەنلەر دوكتورى، 13 توملۇق شاھانە ئەسەر «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ ئىجتىھاتلىق ئاپتورى نەبىجان تۇرسۇننى كۈتۈۋالدى.  

كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە كۆپ ساندا دوكتور، پروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، يۇرت چوڭلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتناشتى. 

كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە دوكتور نەبىجان تۇرسۇن زور ھەجىمدىكى ئەسىرى « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ دائىرىسى، يېزىلىش، نەشر قىلىنىش جەريانى  شۇنداقلا بۇ ئەسەرنىڭ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئارقىدىن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. 

پائالىيەت ئاخىرىدا 30 نەچچە يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قېزىپ، يېزىپ چىقىشقا سەرپ قىلغان دوكتورغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن خەلقىمىز ۋە يۇرتداشلىرى نامىدىن ئايرىم-ئايرىم تون ۋە دوپپا  كىيدۈرۈلۈپ گۈلدەستىلەر تەقدىم قىلىندى.

«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن يېزىپ چىقىلغان،  پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئەسەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلنى تەتقىق قىلىش ۋە بىلىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . 

بىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدىن دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىپ كەم بولغاندا ئون ئۇيغۇر قازا قىلغان

پە نويابىر 24 , 2022
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىپ ئىككى ئۇيغۇر بالا قازا قىلغان

You May Like