NASA بۇ يىل 7-ئايدا ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىدۇ

مەشھۇر ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى پاركېر

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، NASA «پاركېر قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابى» نىڭ ئاخىرقى تۈزىتىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەسۋاب بۇ يىل 7-ئايدا قۇياشقا قاراپ ئۇچىدىكەن، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم «قۇياش بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

    بۇ ئالاھىدە بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 7-ئاينىڭ 31- كۈنى NASA كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىدىكەن، ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن بىۋاسىتە قۇياش ئاتموسفېرا قاتلىمى بولغان قۇياش تاجىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر ئالەم ئۈسكۈنىسىگە قارىغاندا قۇياشقا تېخىمۇ يېقىنلىشىدىكەن.

پاركېر قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابى

بۇ قۇياش تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ نامى «پاركېر قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابى» بولۇپ،  مەشھۇر ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى پاركېرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇشۇ نام بېرىلگەن، بۇ يەنە شۇنداقلا NASA نىڭ تۇنجى قېتىم ھايات ئالىمنىڭ نامىدا بىر ئالەم ئۇچقۇسىغا نام بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئۈسكۈنە قۇياشقا يېتەرلىك يېقىلاپ، قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 مىليون 900 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربېتىدا قۇياشنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىكەن، بۇنىڭغا 88 كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 200 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز سۈنئىي جىسىم ئىكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/04/25/035182765.shtml

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى تاپالمايدۇ؟

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، ئەمما ئالىملار ئەقىللىق ھاياتلىقنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىللەرنى بايقىيالمىدى. ئالەم بوشلۇقى ئەلۋەتتە چوڭ، شۇڭا بىز ئادەتتە تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى بايقىيالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئارىلىق يىراق دەپ پەرەز قىلىمىز.

You May Like