تارىخى ۋەقە: نەنسى پېلوسى خانىم دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-نويابىر

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقى، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك سىياسەتچى ئايال نەنسى پېلوسى بۈگۈن دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلارنى بىلدۈردى.
نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقىرىلغان قانۇنلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەشەببۇسچىسى ۋە قوللىغۇچىسى بولغان. خىتايغا قارشى ئۇيغۇر خوڭكوڭ، تىبەت، تەيۋەن، خىتاي دېموكراتچىلارنى قوللاپ كەلگەن.
نەنسى پېلوسى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى، ئاياللار ھوقۇقى، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش، كۆچمەنلەر سىياسىتىدە نۇرغۇن قانۇن لايىھىلىرىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغان. نەنسى پېلوسى تىرامپ بىلەن ئىنتايىن قارشى يۆنىلىشتىكى سىياسەتچى بولۇپ، تىرامپنى ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، دۆلەت مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان دەپ تەختتىن چۈشۈرۈش قانۇن لايىھىسىنى ئىككى قېتىم قوزغاتقان.

نەنسى پېلوسى ئامېرىكىدا تارىخى شەخس بولۇپ، دۇنيا بويلاپ ئاياللارنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشىدە ئوينىغان رولى ئىنتايىن زور. ئۇ نۇتقىنى تۈگەتكەندە ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئۇزۇنغىچە ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالدى.

نەنسى پېلوسى بۇ يىل 82 ياش بولۇپ، 40 يىلغا يېقىن خەلق خىزمىتىنى قىلغان.

ئۇ دۆلەت مەجلىسىدە يەنە ئىككى يىل قايتا سايلانغانغا قەدەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ياۋروپا خىتاينىڭ تېخنىكىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالدى

جۈ نويابىر 18 , 2022
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ياۋروپا خىتاينىڭ تېخنىكىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالدى

You May Like