مۇيەسسەر خەندان 2020- يىللىق كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە 100 ئايالنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

«ئايخان مائارىپى» قۇرغۇچىسى، «تۆتقۇلاق» ژورنىلى مەسئۇلى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد(خەندان) ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇسى ب ب س باھالىغان «2020-يىللىق كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە 100 ئايال»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەسلى مەنبەدە يېزىشىچە، بۇ يىللىق باھالاش جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاياللار باھالانغان.

ئەردەم
2020-11-24
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

«ئايخان مائارىپى» قۇرغۇچىسى، «تۆتقۇلاق» ژورنىلى مەسئۇلى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد(خەندان) ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇسى ب ب س باھالىغان «2020-يىللىق كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە 100 ئايال»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەسلى مەنبەدە يېزىشىچە، بۇ يىللىق باھالاش جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاياللار باھالانغان.

 

مەزكۇر باھالاش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەت ۋە ساھەدە كىشىلەرگە زور ئىلھام بېرىۋاتقان ۋە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئاياللارنى باھالايدۇ. مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئاۋال ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەت ۋە رايونلاردىن كاندىدات ئەزالار تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇلار توغرۇلۇق ھۆججەتلىك فىلىم، ماقالە – ئەسەرلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇ ئاياللارنىڭ تەسىرلىك ھايات كارتىنىسى ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئ‍ىرىشكەنلەر ئارىسىدا ھۆكۈمەت ئالىي ئەمەلدارلىرى، داڭلىق كىنو چولپانلىرى، سەنئەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بار.

 

بۇ ئالاھىدە شەرەپكە نائىل بولغان مۇيەسسەر خەندان مۇئەللىم ھەقىقەتەن مەزكۇر نام – ئاتاققا لايىقتۇر! مۇيەسسەر خەندان مۇئەللىمنى تەبرىكلەيمىز ۋە مىللەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن خالىس مىھنەتلىرىگە ئاللاھتىن كۆپلەپ ئەجىر تىلەيمىز!

 

مەنبە:
https://www.bbc.com/news/amp/world-55042935

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ترامپ 89 خىتاي كارخانىسىنى جازالىماقچى

سە نويابىر 24 , 2020
رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆرگەن بىر دەسلەپكى لايىھەگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى پات يېقىندا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا ساھەلەردىن «خىتاي سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» ۋە «خىتاي ئالەم سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (Aviation Industry Corporation of China، AVIC) قاتارلىق 89 كارخانىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلماقچى بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىن مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى سېتىۋىلىشىنى چەكلەيدىكەن.

You May Like