تاشقى سىياسەت تور ژورنىلى
2019-7-28
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھاۋاگۈل
تىرامپ ھۆكۈمىتى كامپتىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە قارىغاندا بەكرەك ھەركەت قىلدى.
بوش قالغان كوچىلار, چۆللەرنىڭ ئەتراپىغا يېيىلغان كامپلار ,كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىپ سۆزلەشمەلىرى,زامانىۋى دەۋىردىكى دۆلەت تېررورلۇقى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك .
خىتتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركسىتان-ت) رايونىدىكى بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆز تۇپراقلىرىدا «قايتا تەربىيلەش «نامىدىكى يەرلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا . بەلكىم بۇ سان ئون بىر مىليونلۇق نوپۇسنىڭ ئىككى ئۈچ مىليوندىن كۆپرەكى بولۇشى مۇمكىن · ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئاز بىر قىسىم قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبېك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارمۇ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا . سىرتتا قالغان ئۇيغۇرلار بولسا دۇنيانىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە قاتتىق قول كۆزىتىپ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشىماقتا . كامپلار قاتتىق چەكلىمىلەر ۋە جازانىڭ پەقەت بىر خىل شەكلى بۇلۇپ ئۇيغۇرلار دائىم خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ۋە تۈرۈكلۈك ياكى مۇسۇلمانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىش ھەرىكەتلەرگە قويۇلىدىغان خىلمۇ خىل چەكلىمە ۋە جازالاردىن قورقۇپ ياشىماقتا. بۇ جازالار شۇ قەدەر ئەخمىقانە دەرىجىگە يەتكەنكى ھەتتا بالىلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشمۇ قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدۇ . ھازىرغىچە ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارالغان تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە خىتاي زىيارىتىدە بولغاندا ، دۆلەت مىدىئاسى ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بارچە خەلقنىڭ خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوللىرى سايىسىدە ، بۇ يەردە»بەختلىك ياشاۋاتقان»لىقىنى سۆزلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەردوغاننىڭ بۇ پوزىتسىيىسى بولسا ئوخشاشلا دۇنيادىكى بارلىق داڭلىق مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ئۇسۇلىدۇر . تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ فېۋرالدىكى باياناتىغا قارىماي ئەردوغان خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتەبولدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ ، كامپلاردا ۋە تۈرمىلەردە قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ,سىياسى مىڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئارتۇق سىر ئەمەس. كامپلارغا تۇتۇلمىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالغان . مىنىستىرلىك قەتىي ھالدا بۇ مەسىلىلەرنى بېيجىڭغا ئۇقتۇرغان ئىدى .
بېيجىڭ بۇ ھەرىكەتكە كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈردى· ئەنقەرەمۇ بۇ ئىشنى بولدى قىلدى. ئەردوغان ئۈچۈن ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى تارىخىي يوللارنى قايتا جانلاندۇرۇش ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈش. بېيجىڭنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىدا ، تۈركىيە مۇھىم رولغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى .
خىتاي ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەر قانداق يول خىتاينىڭ غەربىي شىمالدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتىدۇ ، ھەمدە ئەنقەرە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دىنداش ۋە تارىخداش قېرىنداشلىرىمىز دەپ بىلگەچكە، شۇڭا بۇ ھەرگىز خىتاينىڭ پۇقرالىرىنى ئىدارە قىلىشىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ ، دەپ قارايدۇ . تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى كۈچلۈك قوللايدۇ ئەمما ئەردوغاننىڭ باشقۇرۇۋاتقان بىر دۆلىتى بار ، شۇڭا مەسىلىلەرگە ھېسسىيات بىلەن قارىيالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىمۇ پەقەت تۈركىيە ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشى بىر تەشۋىقات تاختىسى ,پايدىلىق خەلقارالىق مۇناسىۋەتلەر رولىنى ئوينايدىغاندەك تۇراتتى ·
شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش بولغان پاكىستان1947دە دۆلەت بولغاندىن كېيىن ، پاناھلانغۇچىلار ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى بىر يەر بولدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ,ھەربى رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ چېمپىيونى ، ھەر يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچى دەپ قارىدى . پاكىستان بىردىنبىر ئاتوم بومبىسىغا ئىگە مۇسۇلمان دۆلىتى . ئەڭ ئاز ھەربىي جەھەتتىن بولسىمۇ ، ھەر قانداق يەردىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئارىغا كىرگۈدەك كۈچىگە ئىگە.
ئەمما ، بۇ بەلكىم خىتايدا ياشىغان مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . شۇڭا ، بەزىلەر پاكىستاننى خىتايغا بېقىنىپ ياشىمىسا دەز كەتكەن چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ . مەيلى ، ھەربىي ,دىننى ياكى سىياسى ئەربابلار بولسۇن ، بىر نۇقتىدا ئورتاق كۆز قاراشتا: خىتاينىڭ مەبلىغى بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ، ھەتتا دۆلەتنى ۋە غايەت زور ھەربىي كۈچنى داۋاملاشتۇرۇشتا كېرەكلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ . بۇلار دەل ئىسلام ئاباتنىڭ ئاۋاز چىقارماسلىقى ۋە باش مىنىستىرى ئىمرانخاندىن بۇ سوئال سورالغاندا ، بۇ مەسىلىلەردىن خەۋەرسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىڭ سەۋەبى ·ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن ئۆيلەنگەن پاكىستانلىق ئەرلەرمۇ ئاياللىرى كامپلادا غايىپ بولغاندا دۆلىتىدىن ھېچقانداق ياردەم ئالالمىدى ·خىتاي بۇ مەسىلىگە قارىتا شىددەتلىك تەشۋىقات ھەرىكەتلەردە بولدى ، ھەمدە پاكىستاننىڭ ئۆزىدىلا كونسۇل باشتا بولۇپ ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاسۇسلۇقتا بولدى .
ھەمدە ئۇيغۇرلار قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چېگرىداش تۈرۈك مۇسۇلمان جۇمھۇريەتلىرىدىكى خوشنىلىرىدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ. گەرچە بۇلار دىنداش ، ھەتتا ئوخشاش مىللەت ۋە تارىخىي ئەنئەنەدىن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ غەربكە بولغان بىر بەلباغ بىر يول سىياسىتى ئۈچۈن بېيجىڭ بىلەن بىر قازاندا قاينايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، قۇرۇقلار بىلەن قورشالغان زور جۇغراپىيەلىك سىياسىي سەۋەبلەردىن سودا ئۈچۈن كۈچلۈك خوشنا دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قالغان .يەنە بىر جەھەتتىن يەرلىك ھۆكۈمەت پۇقرالارنى بوغۇپ باشقۇرغان بولۇپ ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچى بولسىمۇ ، ئۇنى ئەيىبلىگۈدەك جاسارىتى يوق . كامپالاغا قامالغان ئۆزبېك ، قازاق ۋە باشقىلار دۆلەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىن دىپلوماتىك بېسىم قىلىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتىرازى بىلەن كامپلاردىن قۇتۇلدى. ئەمما بۇ ھېسداشلىق يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە يېتىپ بارالمىدى.
مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەشھۇر باياناتچىلىرىغا نېمە بولدى !?ئىران ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر خىتايدىن يىراق خوشنىلىرىدەك ئۇلارغا بېقىنىپ قالمىغان ، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ يولباشچىسى ، ئۈممەتنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ خىتاب قىلاتتى. پەلەستىن باشتا بۇلۇپ ۋە باشقا كەشمىر ۋە مايئامىدىكى دىنغا قارشى ھەر قانداق كىچىك ئىشلارغىمۇ تېزلىكتە سەبىر تىلەپ ,پەتىۋا بېرىپ ، ھەتتا جىھادقا چاقىرىق قىلاتتى.
مەنبە: