مۇسۇلمان ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى تالىباننىڭ ئاياللارنى مەكتەپتىن چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 24-دېكابىر
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى:
«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ قىلمىشنى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇنداق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىدۇ.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ:
«تالىباننىڭ ئاياللارنى مائارىپتىن چەكلىشى يا ئىسلامغا يا ئىنسانىيلىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئاياللار مائارىپىنىڭ نېمە زىيىنى بار؟ ئافغانىستانغا نېمە زىيان ئىلىپ كېلەر؟ بۇنىڭ ئىسلامدا قانداق چۈشەندۈرۈلۈشى بار؟ »
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى:
«تالىباننىڭ ئاياللارنى مائارىپتىن چەكلىگەنلىگە ھەيران قالدۇق ھەم چۆچۈدۇق، بارلىق ئىسلامى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن چۈچۈيدۇ.»
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى:
«ئاياللارنى مائارىپتىن چەكلەش، ئەڭ ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىسلامنىڭ تەلىماتىغا خىلاپ ۋە دەرھال تۈزىتىلىشى كېرەكتۇر. »
مەنبەلەر
ئەلجەزىرە:
https://www.aljazeera.com/news/2022/12/22/turkey-saudi-arabia-condemn-talibans-university-ban-for-women
ئامېرىكا ئاۋازى:
https://www.voanews.com/a/muslim-countries-blast-taliban-for-university-ban-for-afghan-women/6887860.html
ن ب سى خەۋەرلىرى:
https://www.nbcnews.com/news/world/taliban-univeristy-ban-women-afghanistan-saudi-arabia-turkey-criticism-rcna62900