مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن يەنە بىر يوقتىش: دىلمۇرات ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى!

2022-يىلى 22-مارت سەھەر سائەت 1:00 دە ھاياتى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە سەنئىتى ئۈچۈن بېغىشلانغان مۇرات ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋېرگىنىيە شتاتىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن يەنە بىر يوقتىش: مۇرات ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى!

 

2022-يىلى 22-مارت سەھەر سائەت 1:00 دە ھاياتى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە سەنئىتى ئۈچۈن بېغىشلانغان مۇرات ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋېرگىنىيە شتاتىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مۇرات ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىئۇنىڭ مىھرگە تولغان ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەسرەت ۋە قايغۇغا سالدى.

مۇرات ئەپەندىنىڭ تولۇق ئ‍سمىدىلمۇرات قۇربان بولۇپ، 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدە زيالى ئائىلىسدەدۇنياغا كەلگەن. ئاتائانىسنىڭ خىزمەت مۇناسۋىيتى بىلەن چۆچەككە كۆچكەن.ئوتتۇرا مەكتەپنى چۆچەكتە ئوقۇغان.

ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىين ئاپتونوم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمەكنىڭ سەھنە لايىھەلىگۈچىسى بولغان، 15 يىلدىن ئارتۇق سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغاندىن كىين ئۈرۈمچىدە دەسلەپكى كۆلەمدىكى چوڭ رىستۇرانلاردىن بىرى بولغان يۇلغۇن رىستۇرانىنى قۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت،سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم سورۇنىنى بەرپا قىلغان.

يۇلغۇنپەقەت زور كۆلەمدىكى رستۇران بولماي بەلكىئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سەنئەتكارلىرىنىڭ جامائەتكە مەدەنىيەت تونۇشتۇرىدىغان ئورۇن بولغان.

 ئەينى دەۋردىكى ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان مىڭلىغان ياشلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ قىلىپ بارىدىغان مەدەنىيەت سورۇنى

بولغان.

 

يۇلغۇن رستۇرانىنىڭ ئ‍سمىنى مەرھۇم ئابدۇرھىم ئۆتكۈر ئەپەندى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، « يۇلغۇن » دا مۇستەھكەملىك ، قشمۇياز قۇرىمايدىغان مەھكەم روھ بار ، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزگە يارىشدۇ دەپ قارىغان.

مۇرات ئەپەندى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىين،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشپلا قالماي، سياسى ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئاكتىپ قوللىغان.

مۇرات ئەپەندىئۇيغۇر سياسى سەھنىسدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان يتەكچىلەردىن بىرى،ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرىكتورى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ باجا تۇققىنى بولۇپ، ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ سياسى ھەرىكەتلىرىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە ئاكتىپ قوللىغان.

2020-يىللىق يېڭى يىللىق ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى يېڭى يىل كۈتۈۋىلىش كېچىلىكىنىڭ رىژىسورلۇقنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،كىچىلىك ناھايتى ئۇتۇقلۇق چىققان ۋە ئاممىنىڭ ئالشقىغا ئ‍ېرىشكەن.

مۇرات ئەپەندى يەنە ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيلىگەن بولۇپ،بالىلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تېكلىشى ئۈچۈن كۆپ ئ‍ەجىر

سڭدۇرگەن ۋە نەتىجىدە بىر ئوغلى يېمەكئىچمەك ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىگىلىك تىكلىگەن.

دولان رستۇرانى ۋە ئەركىن رستۇرانى قاتارلىق ئۇيغۇر رستۇرانلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن سەمىمى مەسلىھەتلىرىنى ئايېمىغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى باشلىق ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى ۋە پىدائىيلىرى مۇرات ئەپەندىنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ ۋە ئائىلىسگە سەبىر تىلەيدۇ.   

Uyghur Reporter

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى:ئ‍سلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۈكۈت قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

جۈ مارت 25 , 2022
ئامېرىكا ئاۋازى ئىلان قىلغان يېقىنقى ماقالىدا ئ‍سلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سۈكۈتى ۋە ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەنقىدلەر خەۋەرلەر بىرىلگەن.

You May Like