مۇھىم: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب ب دا ختاينى ئەيىپلىگەن باياناتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىلان قىلدى

ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشدىكى دائىمى ۋەكىلى باش ئەلچى مېشەل تايلور تېۋىتتردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان باياناتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىلان قىلغان.

تۆۋەندىكىسى مەزكۇر باياناتنىڭ ئەينەن ئۇيغۇرچە نۇسخسى ۋە ئەينەن لايىھسى:

تولۇق باياناتىمىزنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە ⁧‫#خىتاينى‬⁩ ئۇنىۋىرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش تىن ئوقۇڭ.

‏ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي خەلىق جۇمھۇريىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش يېغىنىدىكى باياناتى

‏ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش (UPR) خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 45-قېتىملىق يىغىنى

‏2024-يىلى، 23-يانۋار

‏باش ئەلچى مىشېل تايلور تەرىپىدىن تەييارلانغان

‏رەئىس ئەپەندى ، سىزگە رەھمەت.

‏بىز خىتايغا تەۋسىيە قىلىدىغانلىرىمىز:

‏1. شنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تىلغا ئالغان، بارلىق خالىغانچە قولغا ئېلىنغان شەخسلەرنى قويۇپ بېرىش.

‏2. شنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ۋە چەتئەللەردىكى شەخىسلەرگە قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك سېلىش، نازارەت قىلىش ۋە تەھدىت قىلىشنى توختىتىش.

‏3. شەخسلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى ياكى ئېتىقادىغا بولغان كەمسىتىشنى توختىتىش؛ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش.

‏4. پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى قىيناش، تۇرالغۇ جايىغا ناھەق نەزەربەنت قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىش.

‏5. شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، تۇغۇت چەكلەش، تۇغماس قىلىۋېتىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە ئائىلىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىۋىتىشنى توختىتىش.

‏.6 خوڭكوڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەت بىخەتەرلىكى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە توپىلاڭ چىقىرىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قانۇنلىرىغا ئوخشاش مۈجمەل دۆلەت قانۇنلىرىنى بىكار قىلىش.

‏7. خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاياللار، ئەر ئايال ھەم جىنىس ۋە غەيرىي جىنىسلىق ئىنسانلار، ئەمگەكچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش.

‏8. بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە ب د ت نىڭ توسالغۇسىز ۋە ئەھمىيەتلىك زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش.

‏بىز شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ۋە ئىچكى موڭغۇل، تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى؛ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشنى يوقۇتۇش ۋە چەتئەللەردىكى شەخسلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەيمىز.

‏سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

‏تىۋىتتىر تەرجمىسى:

‏⁦‪#ChinaUPR‬⁩

‏⁦‪#UPR45‬⁩

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىش چاقىرىقى

سە يانۋار 23 , 2024
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىش چاقىرىقى ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار! ن بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تۈرمىلەردە، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان بەرگەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ، […]
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى

You May Like