مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە ئۈچۈن ھەرىكەتتە

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە ئۈچۈن ھەرىكەتتە

 مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە ئۈچۈن ھەرىكەتتە

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-فېۋرال

ئىككى كۈن ئۇدا يۈز بەرگەن تۈركىيەدىكى ئېغىر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ۋە يارىدارلار سانى ھەر سائەتتە كۆپەيمەكتە. مىڭلىغان بىنالار ئۆرۈلۈپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق بىنالار تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن نەچچە ئون مىڭ ئادەم نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گرادۇسلۇق سوغۇق ھاۋادا تالادا قالدى. ئاپەت جەريانىدا يۈز بەرگەن يول چۆكۈش ھادىسىسى سەۋەبى بىلەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ياردەم ئەترىتىنىڭ ئاپەت رايونىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالماسلىقى ۋاپات بولغان ۋە يارىدارل بولغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە.

ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم قىلىش خىزمىتى  تۈركىيە ۋە  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باشلاندى. 

«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى»، «كۆك ھالال ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ياشلار دەرنىكى»نىڭ تەشكىللىشىدە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ياردەم گۇرۇپپىسى 6-فېۋرال كەچ ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. نۆۋەتتە 2-تۈركۈمدىكى پىدائىيلار يولغا چىقىشنى ساقلىماقتا.

كونىيادىن يولغا چىققان بىر پىدائىيلار گۇرۇپپىسى سەپەر جەريانىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى يېنىك يارىلانغانلىقتىن سەپەرنى داۋام قىلالمىدى. 

بۇنىڭدىن سىرت « نۇزۇگۇم ئائىلە كۈلتۈر دەرنىكى» ،« پىدائىيلار نامايىش توپى» ، «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى»، «بىرلىك قۇرتۇلۇش چارىسدۇر» توپى قاتارلىق گۇرۇپپىلاردا ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىش چاقىرىقى ئاستىدا ماددىي ياردەملەر توپلانماقتا. 

ئاپەت رايونىغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ۋە يولغا چىقىشنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى، ئۆزى موھتاجلىقتا بولسىمۇ تەرەپ-تەرەپتىن تاپقىنى ئىئانە قىلىۋاتقانلار شۇنداقلا  ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىك بالىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ بايراملىق ۋە تەتىللىك يىغقان پۇللىرىنى ئاپەتكە ئىئانە قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمسۆيەر ۋە مېھرىبان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى. 

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساپلىرى ئارقىلىق  بۇ قېتىمقى ئاپەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ھېسداشلىق قىلدى. 

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان قۇززات ئالتاي ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئېنىسگىرام سەھىپىسىدە بۇ قېتىمقى ئاپەتتە، تۈركىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە 100 مىڭ دوللارلىق ئىئانە چاقىرىقى باشلاتقانلىقىنى،  100 مىڭ دوللار ئىئانە يىغىلسا، ئۆزىنىڭمۇ شەخسى شىركىتى نامىدىن 100 مىڭ دوللار قوشۇپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىكنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. 

نۆۋەتتە بىرىنچى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا يولغا چىققان گۇرۇپپا، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

«سەتەڭ ھىيلىسى» نىڭ تۈركىيە نۇسخىسى

پە فېۋرال 9 , 2023
«سەتەڭ ھىيلىسى» نىڭ تۈركىيە نۇسخىسى

You May Like