مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ نېمىسى بار؟

كىچىكىمىزدە «تارىم غۇنچىلىرى» دېگەن ژۇرنىلىرىمىز، يەنە باشقا گېزىتلىرىمىز، مەكتەپنىڭ كىچىك گېزىت، ژۇرناللىرى بار ئىدى.

ئاپتورى: مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-17

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

كىچىكىمىزدە «تارىم غۇنچىلىرى» دېگەن ژۇرنىلىرىمىز، يەنە باشقا گېزىتلىرىمىز، مەكتەپنىڭ كىچىك گېزىت، ژۇرناللىرى بار ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر كۇتۇپخانىنى باشقۇراتتىم. تەتىلدە كىتاب ئارىيەت بېرىشكە مەسئۇل ئىدىم، ئازراق شەخسىيەتچىلىك قىلىپ (ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ) ئۆيدە يوق كىتابلارنى ئاۋۋال ئۆزۈمگە ئايرىۋالاتتىم. لېكىن ئاپام بىزنى كىتابسىز قويمىغان، دادامنىڭ سودىسى ۋەيران بولۇپ ئىقتىسادىي كىرىزىس تارتىۋاتقان كۈنلەردىمۇ كىچىككىنە مائاشىدىن كىتاب، ژۇرناللارغا ئايرىشنى ئۇنتۇمايتتى. ئۆزىگىمۇ كىتاب سېتىۋالاتتى ۋە ئوقۇيتتى. كىتابخۇمار ئاپامنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقان سېيماسىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم، كىتابنىڭ قىممىتىنى بىلىپ چوڭ بولدۇم. كىتابلار تىلىمنى، تەپەككۇرۇمنى بېيىتتى، كىتاب ئوقۇمايدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن پەرقلىق يېتىلدىم. ئۇلار «قالتىس» دەپ بىلگەن مېنىڭ بىر ئاددىي ئەمما ھەقىقىي «قالتىس» ئاپام بار ئىدى. «مېنىڭمۇ ئاپام سىزنىڭكىدەك بولسىچۇ» دېگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئەپسۇسلىنىشى ئىچىمنى بىئارام قىلماي قالمايتتى.

يېڭى زامانغا كەلدۇق، يات ماكانلارغا ئورۇنلاشتۇق. ئۇيغۇرچە كىتاب، ژۇرناللار تۇتىيا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئاستا – ئاستا ئۇيغۇرچە پۇراقلار، ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرى كۆپىيىۋاتقان «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» نەشردىن چىققاندىلا ھاياجاندا تۆت تىلدىكىسىنىڭ ھەممىسىگە مۇشتەرى بولدۇم (كېيىنچە ژۇرنال ساھىبلىرى ئۇيغۇرچىسى بىلەن چەكلەپ قويدى.?) تەھرىر ھەيئىتىدە نەق مەيدان تەھرىرلەش، توردا تەھرىرلەشكە قاتناشتىم. ژۇرنالغا ئۆز ئىسىملىرىمىز چىقمىسىمۇ، بالىلارغا شۇ ئەمگەكنى سۇنالىغىنىمىزدىن پەخىرلەنگەن ئەزالارنىڭ قاتارىدا ھاياتىمنىڭ بۇ ئەھمىيىتىدىن سۆيۈندۈم. بۇ ژۇرنال بالىلارغا ئۆز دىنىمىزنى ئانا تىلىدا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلغان، دىنىنى كىچىكىدىن مۇھەببەت بىلەن چۈشىنىپ چوڭ بولغان بالىلار ئەمەل قىلىشتىمۇ قورقۇشنى ئەمەس ئىچىدىكى مۇھەببەتنى ئاساس قىلىدۇ، دېگەن ئىدىيە بىلەن بالىلارغا سۇنۇلغانىدى.

كېيىنچە دۇنيادىكى ئانا تىل مۇئەللىملىرىنىڭ گۇرۇپپىسىدا ئۆزىمىزنىڭ ژۇرنىلىنى چىقىرىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ژۇرنال ئىسمىنى تەۋسىيە قىلىپ تولۇق قوللاشقا ئېرىشتىم. بىر مەزگىل ئۇنتۇلۇپ قېلىنغان بۇ ئىشنى قولۇمغا ئېلىشنى ئويلىساممۇ، تەجرىبىسىزلىكىمدىن ياخشى قىلالماي قېلىشتىن ئەنسىرەيتتىم. شۇ جەرياندا «ژۇرنالغا كۈچىيەلمىسەك، گېزىتىمىز بولسىمۇ چىقسۇن» دېگەن ئوت يۈرەك مۇئەللىمىمىز «دوپپام گېزىتى» نى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بالىلىرىمىزنىڭ ئايدا بىر چىقىدىغان گېزىتى بار بولدى. بۇ غەيرەت كۈچۈمگە كۈچ، ئىشەنچىمگە ئىشەنچ قوشتى ۋە «تۆتقۇلاق بالىلار ژۇرنىلى» ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى.

بالىلار ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ، لېكىن «ئۆگەنگەننىڭ نېمە پايدىسى» دېگەن سوئالغا ئەمەلىي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، جاۋاب تېپىشقا ئاجىزلىق قىلىمىز. بۇنداق سوئاللاردىن ئاغرىنىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا پايدىسىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك ئىدى. بالىلار بىر سەھنىگە، ئۆز ئەسەرلىرىنى داملىتالايدىغان بەتلەرگە موھتاج ئىدى. شۇنداق قىلىپ «تۆتقۇلاق» بالىلارنىڭ ئۆز قوللىرىدا يازغان ئەسەرلىرىنى قوينىغا ئالدى. بالىلارنىڭ ئۆز ژۇرنىلى بولغانىكەن، خوجايىنلىقىنى تولۇق ھېس قىلسۇن دەپ سەھىپە مەسئۇللىرىغا تاللانغان بالىلارنىڭ ئىسملىرىمنى يازدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەننىڭ پايدىسىنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەمگەك بىر كېچىدە پۈتمىدى. قۇپقۇرۇق بەتلەرگە ئەسەرلەرنى تىزىش، رەسىم سېتىۋېلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، رەسساملارنىڭ پىكرىنى ئېلىش، ئىملا تۈزىتىش، نەشر نومۇرى ئېلىش، باستۇرۇش… قاتارلىق باسقۇچلارغا كېچە – كۈندۈزلۈك ئەجرىمىز سىڭدى، سالامەتلىكىمىز ئۇپرىدى، مېڭىمىز چارچىدى، ئىقتىسادىمىز كەتتى. ئەمما بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئەرزىيدىغان ئىش بولدى.

ئىنگلىزچە كۇرسلاردىن كىرگەن كىرىملەرنىڭ بىر قىسمىنى فوندىغا ئايرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتىم. ئاۋاز پەردەمدىن چاتاق چىقىپ دوختۇر دەرس ئۆتمەسلىكىمنى تەۋسىيە قىلدى، لېكىن كۇرسلار توختاپ قالسا فوندىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى توختاپ قالاتتى. بۇ ئىشلارغا كېتىدىغان خىراجەت ئۈچۈن باشقىلارغا مۇراجىئەت قىلىپ سارغىيىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا توختاتمىدىم. مەقسەت پەقەت بىرلا: بالىلىرىمىز ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلىرىمىز ئۆز كۈچىمىز بىلەن بولسۇن. بىز بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز خالاپ قىلدۇق، شۇڭا ھېچقانداق مىننەت ۋە دوق قىلىش ھەققىمىز يوقتۇر ھەم ئۇنداق قىلىش مەقسىتىمىزمۇ يوق. ھازىرقى مەسىلە كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى، مۇشتەرى بولۇپ بۇ ئەمگەكلەرنى بالىلارنىڭ قولىغا سۇنۇشىدا.

ژۇرنالنى چىقىرىپ، مۇشتەرى توپلاپ، پوچتىخانىلارغا يۈگۈرۈپ ئەۋەتىش ئارقىلىق بىز باي بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بىرەر تىيىننى ئۆز يانچۇقىمىزغا سېلىشنى ئويلىمىدۇق. «بىزدىن قالسا مۇشۇلار قالسۇن» دەپلا ئويلىدۇق. سىلەردىن پەقەت قوللاشنى، مۇشتەرى بولۇشنى ۋە تەشۋىقاتلىرىمىزغا ياردەمچى بولۇشنى كۈتىمىز. بىر يىل ئىچىدە مۇشتەرى سانى مىڭغا يەتمىسە، بېسىلغان گېزىت – ژۇرناللارنى توپا بېسىپ قالسا، مەن يەنىلا ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بولغانPDF شەكلىنى توردا ئورتاقلىشىشنى تاللايمەن. خالىغانلار ئۆزى باستۇرۇۋالسا بولىدۇ، ئەمما باسما ھەققى ھەرگىز بىر ئورتاقلىشىۋاتقان باھادا بولالمايدۇ، چۈنكى مىڭ تالنىڭ بېسىلىشى بىلەن بىر قانچە تالنىڭ بېسىلىشىدا غايەت زور باھا ۋە سۈپەت پەرقى بار.

ئاتا – ئانىلار ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىگە تەۋسىيەم: تۆۋەندىكى گېزىت – ژۇرناللارنى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە مۇشتەرى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋامىنى ساقلاپ قېلىشنى قولغا كەلتۈرسەك. بالىلار بۇ ئوقۇشلۇقلارغا موھتاج، گەپ بىز ئۆز تىل – يېزىقىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، بالىلىرىمىزغا مۇشۇنچىلىك مەبلەغ سالالامدۇق – يوق؟  «بالىلار چۈشەنمەيدۇ» دەيدىغان ئاتا – ئانىلارغا تەۋسىيە: بالىلىرىڭىز ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى ئىكەن، چۈشىنىدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەسىدە ئوقۇپ بېرىشكە تىرىشىڭ. ھېچنېمە قىلمىسىڭىز ئۇلار مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ، مەڭگۈ سىز ۋە بىزدەك ئۇيغۇر بولالمايدۇ.

.1سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى يىللىق مۇشتەرى ھەققى (يىلدا تۆت سان چىقىدۇ): تۈركىيە ئىچى: 68 لىرا ياۋروپا: 25 ياۋرو باشقا دۆلەتلەر: 25 دوللار ئالاقە: WhatsApp: +90 553 070 7350

.2تۆتقۇلاق بالىلار ژۇرنىلى يىللىق مۇشتەرى ھەققى (يىلدا تۆت سان چىقىدۇ): تۈركىيە ئىچى: 68 لىرا ياۋروپا: 25 ياۋرو باشقا دۆلەتلەر: 25 دوللار ئالاقە: WhatsApp: +90 534 709 0068

.3دوپپام بالىلار گېزىتى (يىلدا 12 سان چىقىدۇ): تۈركىيە ئىچى: 60 لىرا باشقا دۆلەتلەر: 36 دوللار ئالاقە:

doppam123@gmail.com

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئابدۇلئەھەدخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ 1983- يىللىرى تۈركىيەدىن ۋەتەنگە قايتىش ھارپىسىدا يازغان شېئىرى:ھەسرىتىم

چا ئاپرېل 17 , 2019
ھۆر ۋەتەن تۈركىيەدىن ئايرىلمىقىم ھەسرىتىم، گەر قىزىللار زۇلۇم قىلسا باشتا باردۇر كۈلپىتىم. ۋالىدەم، ئەۋلادى قارداش ناتىۋانلار بولمىسا، قايتماس ئەردىم ھۆر ۋەتەندىن تاپىلۇردى ئۈلپىتىم. ئانا يۇرتۇم قالدى زۇلمەت ئاسارەتنىڭ ئاستىدا، مىللىتىمنىڭ خورلىقىغا ئەسلىي يوقتۇر تاقىتىم.

You May Like