مىسىرلىق ئادۇۋكات خىتايدىن 10 تىرىلىيون دوللار تۆلەم تەلەپ قىلدى

5- ئاپرىل، مىسىرنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئىشلەيدىغان ئادۇۋكات مۇھەممەد تەلئەت ۋە خىزمەتدىشى ئەمرۇ بەييۇۋمى قاھىرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك مىسىردا كۆرۈلگەن زىيانلارنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن 10 تىرىلىيون دوللار تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تەلەپ سۇنغان

 

 

ئۇيغۇرئاگىنتلىقى 

 

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:  تارىم

 

2020-4-8

 

5- ئاپرىل، مىسىرنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئىشلەيدىغان ئادۇۋكات مۇھەممەد تەلئەت ۋە خىزمەتدىشى ئەمرۇ بەييۇۋمى قاھىرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك مىسىردا كۆرۈلگەن زىيانلارنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن 10 تىرىلىيون دوللار تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تەلەپ سۇنغان. ئۇلار تەلەپتە:  خەلقئارا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋىرۇسنىڭ «  خىتايدا ياسالغان بىئولوگىيەلىك قۇرال » ئىكەنلىكى، ئامرىكا پىرىزدىنتى چۇرامپ ئۇنىڭ « خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى» تەكىتلىگەنلىكى، ئىقتىساد گىزىتىمۇ بۇنى خەۋەر قىلغانلىقى، شۇڭا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك مىسىردا كىلىپ چىققان بارلىق زىيانلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تۆلەش كىرەكلىكىنى، پۇل مىسىرنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئىيىتقان.

 

 

 

 

مۇھەممەد تەلئەتنىڭ دىيشىىچە، قاھىرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇنىڭ بىلەن  ئالاقىلىشىپ، كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مۇھەممەد تەلئەت خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشتا كەسكىن چىڭ تۇرغان.

 

مۇھەممەد تەلئەت بۇ ئەرىزنامە سەۋەبلىك بىر قىسىم خىزمەتداشلىرى ۋە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مۇھەممەد تەلئەت بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان. ئۇ « مىسىر ئامرىكىدىن تۆۋەن ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرمۇ تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ تاكى خىتاي تۆلەمگە رازى بولغۇچە خەلقئارا سوتلارغا ئەرىز قىلىمەن» دېگەن.

 

مەنبە:

 

https://akhbararabia.net/2020/04/06/%D9%85%D8%AD%D8%A7%D9%85%D9%88%D9%86-%D9%85%D8%B5%D8%B1%D9%8A%D9%88%D9%86-%D9%8A%D8%B7%D8%A7%D9%84%D8%A8%D9%88%D9%86-%D8%A7%D9%84%D8%B5%D9%8A%D9%86-%D8%A8%D8%AF%D9%81%D8%B9-10-%D8%AA%D8%B1%D9%8A%D9%84/

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

پۇتىن روسىيە قوراللىرىنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىنى ماختىدى

جۈ ئاپرېل 10 , 2020
پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن كۆرۈشكەندە ؛ روسىيەنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىش پىلانىنى % 102 يولغا قويغانلىقىنى ، بۇ ئېشىشنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئىككى مىليارد دوللار ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

You May Like