مىكروسوفىت شركىتى ئامېرىكا ۋە ختايدىكى ئ‍شلەتكۈچىلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشمايدىغان ئۇچۇر تەمىنلىگەن

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-فېۋرال

نيۇيورك پوچتىسى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېخنىكا شركىتى مىكروسوفىت ئىزدەش قورالى بولغان بىڭ ( Bing)نىڭ ئ‍امېرىكا ۋە ختايدىكى ئ‍شلەتكۈچىلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشمىغان ئىزدەش نەتىجىسى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئ‍شلەتكۈچىلىرىگە ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش-قىرغىنچىلىق سياسەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇن، سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەن بولسا، ختايدىكى ئ‍شلەتكۈچىلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال، كۈلگەن، ئوينىغان سۈرەتلىرىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھېمايىچىلىق بۆلۈم دېرىكتورى لوئىسا بۇ ھەقتە نيۇيورك پوچتىسى گېزىتىگە مۇنداق دىگەن: ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خوشال تەسۋىرلەش ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى ھەققىدىكى نارازىلىق ۋە پاكىتلارنى ئىنكار قىلىش-بېجىڭنىڭ سستىملىق ھەرىكىتىدۇر…. ختاي كومپارتىيسنىڭ ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھىچقانداق ئاقىۋەت ۋە جازا تارتماسلىقى ئۈچۈن قوللانغان تاكتىكىسى يوشۇرۇش، ئىنكار قىلىش، ئۆزىنىڭ «قايتا تەربىيلەش» دىگەندەك زوراۋانلىقىنى ھەقلىق كۆرستىشتۇر، مىكروسوفىت بۇنىڭ ئ‍ۈچۈن ياردەم قىلىۋاتىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم زەرببىسى:گېرمان خېمىيە شېركىتى كورلىدىن ئايرىلىدۇ

جۈ فېۋرال 9 , 2024
تۇرسۇنجان، گۈزەلنۇر9-فېۋرال، 2024-يىلىئۇيغۇر ئاگېنتلىقى گېرمانىيىنىڭ داڭلىق خېمىيە سانائىتى شېركىتى باسف 9-فېۋرال كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزى كورلىغا مەبلەغ سالغان ئىككى شىركەت «BASF Markor Chemical Manufacturing (Xinjiang) Co., Ltd. and Markor Meiou Chemical (Xinjiang) Co., Ltd.» تىكى ئۆز پايچەكلىرىنى سېتىش باسقۇچلىرىنى تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باسف دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خېمىيە سانائىتى شېركىتى […]
باسف شركىتى

You May Like