مېچىگان شتاتىدا بىر يەھۇدىينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتىدە دەخلىسىز ئىبادەت قىلغانلىقى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى7-نويابىر

يېقىندا تىك-توكتا تارقالغان بىر ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، مېچىگان شتاتىدىكى بىر مەسچىتتە مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىۋاتقان، ئىمام تەبلىغ قىلىۋاتقان چاغدا بىر يەھۇدىينىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقى ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا دەخلى قىلمىغانلىقى ئىنتېرنېتتا ياخشى تەسىر قوزغىدى. ئەڭ كۆپ يېزىلغان ئىنكاس: « بىز ھەممىمىز بىر تەڭرىگە ئىشىنىمىز» دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

تەكشۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مەسچىت ئەھمەد ئەل قازونى يېتەكچىلىكىدىكى ئىسلام مەركىزى بولۇپ، شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىكەن.

ئامېرىكىدا خرىستىئانلار ئەڭ كۆپ، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مەسچىت ۋە ئىبادەتخانىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. خرىستىئانلارنىڭ مەسچىتى بولمىغان مۇسۇلمانلارغا چېركاۋنى جۈمە كۈنلىرى جۈمە نامىزى ئۈچۈن  ھەقسىز ‍ئىشلىتىشكە بەرگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرمۇ كۆپ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

دىنلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە دىنلار ئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا دىنى ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماي، تىنچ ياشاش بۈگۈنكى دۇنيادا ئورتاق چاقىرىق قىلىنىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق «خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلماقچى

سە نويابىر 8 , 2022
شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق «خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلماقچى

You May Like