مەريەم سۇلتان مۇلاھىزىسى :ئۇيغۇرلار نىمىشقا ئېتتپاقلشالمايمىز ؟

ئىتتىپاقلىشىپ بىر تەشكىلات ئاستىغا يىغىلالمايمىز بىز. بىرلىرى دۇقنى ھاراقكەش خائىنلارنىڭ تەشكىلاتى دەپ يامان كۆرىدۇ. يەنە بىرسى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى ھاماقەت خىيالپەرەستلەر دەيدۇ. ئۇ بۇنى بىر نەرسە دەيدۇ بۇ ئۇنى بىر نەرسە دەيدۇ.

ئاپتورى: مەريەم سۇلتان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-13

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ئابدۇرېھىم غېنى تېمىسىغا ئىنكاس

ئىتتىپاقلىشىپ بىر تەشكىلات ئاستىغا يىغىلالمايمىز بىز. بىرلىرى دۇقنى ھاراقكەش خائىنلارنىڭ تەشكىلاتى دەپ يامان كۆرىدۇ.  يەنە بىرسى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى ھاماقەت خىيالپەرەستلەر دەيدۇ. ئۇ بۇنى بىر نەرسە دەيدۇ بۇ ئۇنى بىر نەرسە دەيدۇ. بىرسى يەنە بىرسىنى خائىن دېسە باشقا بىرسى ئۇنى مۇناپىق ، خىرىستىيان، يەھۇدى دەيدۇ. ئىنسانلار ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ ۋە دۆلەت قۇرۇش كۈرىشىمىزنى شەخسىي خىرىسىنى قاندۇرۇشقا قۇربان قىلىۋېتىدۇ.  تىبەتلەردە بولسا ئۆزلىرىنىڭ دىنى بار. ئۇ دىننى تىبەتلەر ئۆزى ياسىغان، ئۆزىنىڭ كۈلتۈرى بىلەن يىمىرىلگەن دىن بولغاچقا بىر بىرىنى تىللاپ ھەرخىل گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدىغان ئىش بىزدەك كۆپ ئەمەس. ھەتتا چەتئەلدىكى تىبەتلەر بىلەن ۋەتەندىكى تىبەتلەرنىڭمۇ تىلى بىر. بىز داشۆدىكى چاغدا بىر كۈنى مەكتەپتىكى نەچچە يۈز تىبەتلەر چوڭ پۇتبول مەيدانىدا يوغان چەمبەر بولۇپ ناخشىسىنى لابادا ئۈنلۈك قويۇپ بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ چۆرگىلەپ چەمبەر ئۇسسۇلى ئوينىغان ئىدى،  سەۋەبىنى سورىساق  چەتئەلدە تىبەتلەرنىڭ بىر قۇرۇلتىيىمۇ بىر نەرسىسى ئېچىلىپتىكەنمىش

تىبەتلەر چەتئەلگە چىقىۋېلىپ ۋەتىنىدە قالغانلارنى قىزىل پاچاق دەپ تىللىمايدۇ. بارلىق ئېھتىماللىقنى قوللىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن ئاشكارە تەھدىت كېلىشىملەر  قىلىپ تىبەتتە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىغا بولغان سىياسىي بېسىمنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى كۆزلەيدۇ. تىبەتلىكلەر داشۆدە بىكارغا ئوقۇيدۇ،  ئايروپلان بېلىتىنىمۇ ھۆكۈمەت تۆلەيدۇ.

بىزدە خىتايلار بىلەن دېئالوگ ئىچىدە بولۇش مۇمكىن ئەمەس، قايسىبىر لېدىر شۇنداق قىلىشقا تەمشەلسە چوقۇملىكى بىر توپ ئىنسان ئۇنى خائىن دەپ بوغۇزلىۋېتىشتىن يانمايدۇ. خەلقئارادا خىرىستىيان بىلەن يەھۇدى، مۇسۇلمان ھەممىسىنىڭلا بىر دېئالوگى بولىدۇ. ئەڭ ئەشەددى بىر بىرىگە دۈشمەن دۆلەتلەرمۇ ئاللىبۇرۇن بىر بىرى بىلەن دېئالوگلىشىپ تارىخىي دۈشمەنلىكنى يوق قىلىپ تىنچ ياشاۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن قايسى رەھبەردە مەيلى ئاشكارا مەيلى يوشۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دېئالوگلىشالايدىغان، بىۋاستە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي بېسىملىرىنى يەڭگىللىتەلەيدىغان كۈچ بار؟ ھېچكىمدە يوق.

شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن قاقشاش بىلەن بىرگە ئۆزىدىكى دۇنياغا ماسلىشالماسلىق ۋە سېتراتېگىيەلىك پىلان ئىچىدە ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ماڭالماسلىق، مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشىدەك رېئال ئاجىزلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ شۇنى تۈزەشكە تىرىشمىسا بولمايدۇ.

تىبەتلىكلەر ئىتتىپاقلىشالايدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى بىزدىن بەكرەك قىلالايدۇ. بۇ ئاڭ  ئادەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ مېڭىسىدىمۇ بار.  2008- يىلى تىبەتتە بىر پارتىلاش ۋەقەلىرى بولغاندا داشۆنىڭ كۈتۈپخانىسىدا قارشى ئۈستەلدىكى بىر تىبەتنىڭ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئورتاق، چوقۇم بىرلىشىشىمىز كېرەك دەپ يېزىلغان كىچىك بىر قەغەزنى سۇنغىنى يادىمدا.

قوبۇل قىلمىساق بولمايدىغان بىر نەرسە شۇكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شىددەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بار. ئىككىنجى سىنىپ پۇقرا بولۇش، داۋاملىق ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولۇشتىن كېلىپ چىققان زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە بىر توغرا دېئالوگ قۇرالماسلىق مەۋجۇت.

داشۆلەردە تىبەتلەر بىلەن موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارغا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان بىر ئىرقچىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئومۇمىيۈزلۈك بار ئىدى. بۇنداق چۈجە خورازلىقىمىزنى ئەمدى چەتئەلدە بىربىرىمىزگە قىلىۋاتىمىز. بۇ بەك رەھىمسىزلىك.

بىزدەك زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت رەھىمدىللىكىنى يوقاتسا بولمايدۇ. بىزگە ئەڭ كېرىكى رەھىمدىللىك، ئېمپاتى، سېتراتېگىيەلىك پلان ۋە ئىتتىپاقلىق. مەلۇم نەرسىنى سۆزلەشكەندىمۇ بىرىنجى بولۇپ تىما بىر ياقتا قېلىپ ئادەمنى باھالاشقا چۈشىمىز بۇ بەكلا خاتا. بۇ دۇنيادا ئىنساندىن مۇھىم نېمە بار؟ بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىزمۇ ئىنسانلارنى ئازاپتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىغۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغان بولسىدى، ھەممە ئۇيغۇر چەتئەلدە بولسىدى، ھېچكىممۇ داۋا قىلمىغان بولاتتى. تۇپراق، ئۇ بۇنىڭ جانى جەھەننەمە. ئىنسان كۈرىشى قىلىۋاتقان كىشىلەردە ئىنسانىي تۇيغۇ ۋە ئازاپ ئېڭى، ئېمپاتى تۇيغۇسى مەۋجۇت بولمىسا ئۇ قانداقمۇ كۈرەش قىلالىسۇن؟ بىز بىر بىرىمىزگە دۈشمىنمىز بەرگەندىنمۇ بەك ئازاپ بېرىۋاتساق، دۈشمەن ئىزدەپ تالاغا چىقمىساقمۇ بولىدۇ.

     

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: خىتاي مەسچىتلەرنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يۇقىتىۋاتىدۇ

جۈ ئىيۇن 14 , 2019
2019- يىلى 13-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋېتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىدى. بۇ ئۇچۇردا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن:

You May Like