مېلبورىندىكى بالىلارنى گۆرۈگە ئالغان مەلئۇن خىتاي بىر مىليون تەلەپ قىلغان

مېلبورىندىكى بالىلارنى گۆرۈگە ئالغان مەلئۇن خىتاي بىر مىليون تەلەپ قىلغان

تارىم
 
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست 

ئاۋسترالىيە، مېلبورىندا تۇرۇشلۇق ئابدۇۋەلى بىلەن نۇربىيەنىڭ پەرزەنتلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بىر مىليون دوللار تەلەپ قىلغان ئىكەن. 

دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت يەتتە يېرىم بىلەن، ئېغىر تىپلىق قوراللانغان ئالاھىدە ساقچىلار مەزكۇر مەلئۇن خىتاينى ئۇنىڭ مىتچام رايونىدا تۇرۇشلۇق تۇرالغۇسىدىن قولغا ئالغان. يەرلىك سوتنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بالىلارنى تۇتقۇن قىلغان خىتاينىڭ ئىسمى جى جىياڭگاڭ بولۇپ، جى خىتاي بىلەن بىرگە تۇتۇلغان باشقا ئۈچ خىتاي تەكشۈرۈشتىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۆي ئىگىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جى خىتاي تېخى نەچچە كۈن ئاۋاللا  ئىجارە ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. 

 


جىنايەت گۇماندارى جى جىيەنگاڭ

جى خىتاي دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆيىگە پىچاق كۆتۈرۈپ باستۇرۇپ كىرگەن  ۋە نۇربىيەنى قاتتىق ئۇرغان. ئۇ يەنە بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئابدۇۋەلىنىڭ 50 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى قارا رەڭلىك مىرسىدىس ماشىنىسىنى بۇلاپ كەتكەن.  سوتنىڭ باياناتىغا كۆرە،  جى خىتاي 5 ياشلىق ئادىلە ۋە 3 ياشلىق بىلالنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ئابدۇۋەلىدىن بىر مىليون دوللار تەلەپ قىلغان. 

 


يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بالىلار تېپىلغان ئۆينى تەكشۈرمەكتە

جى خىتاي ئىككى تۈرلۈك تۇتقۇن قىلىش، زوراۋانلىق بىلەن تۇرالغۇغا باستۇرۇپ كىرىش، قوراللىق بۇلاڭچىلىق، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۈچ تۈرلۈك ھۇجۇم ۋە ماشىنا بۇلاشتىن ئىبارەت جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. جى خىتاي ھازىرغا قەدەر كاپالەتلىك قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان. 

تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ دادىسى ئابدۇۋەلى مېلبورىندا تۇرۇشلۇق قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، جى خىتاي ئۇنىڭ قولىدا ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ ئابدۇۋەلىنىڭ خىزمەتتىكى ۋاقتىدىن پۇرسەت تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە بۇلاڭچىلىق قىلغان. نۆۋەتتە جى خىتاينىڭ تېلېفونلىرى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتايچە تېكىست ئۇچۇرلاردىن بۇ قېتىمقى بۇلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشقا دائىر مەزمۇنلار ئانالىز قىلىنىدىكەن. 

جى خىتاينىڭ غەلىتە جىنايى قىلمىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گۇمان قوزغىماقتا. جى خىتاينىڭ ئۆزىگە تونۇشلۇق سەبىي بالىلارنى كۈپ -كۈندۈزدە ئۆيىگە زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، ئانىسىنى قاتتىق ئۇرۇپ، بالىلارنى ياۋۇزلۇق بىلەن بۇلاپ كېتىپ، ئاندىن بىر مىليون تەلەپ قىلغان تۇرۇقلۇق، بىردىنلا ماشىنا بىلەن بالىلارنى يېقىنلا جايغا تاشلاپ قويۇپ، يېڭى كۆچكەن ئىجارە ئۆيىدە بەخىرامان ئولتۇرۇشى، بۇ خىتاينىڭ سەبىي بالىلارنى بۇلاشتىكى ئەسلى مەقسىتىدىن دەرگۇمانغا سالىدۇ. 

 

جىنايەت گۇماندارى جى جىيەنگاڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان خىتايلار

 

 مەنبە: مېلبورن شەھىرى يەرلىك تاراتقۇسى: The Age

 

https://www.theage.com.au/national/victoria/alleged-child-kidnapper-knew-his-victims-court-told-20210825-p58lo9.html

Uyghur Reporter

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى ئىستانبۇلدا ‹‹ئۈمىت يۇلتۇزلىرى›› تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى

چا ئاۋغۇست 25 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى ئىستانبۇلدا ‹‹ئۈمىت يۇلتۇزلىرى›› تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى

You May Like