ماشىڭرۇي قازاقىستان زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 31-مارت

خىتاي يەرلىك خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» باش سېكرېتارى ماشىڭرۇي باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك قازاقىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 29-مارتتىن 30-مارتقىچە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت ۋە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ماشىڭرۇي يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۆمەك 29-مارت ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ كېلىپ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوف(Abdulla Oripov) بىلەن سۆھبەتتە بولغان. بۇ ئۆمەك ئۆزبېكىستاندىكى بىر كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ كېلىپ 30-مارت پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ئاقىلبېك جاپاروف (Akylbek Japarov) بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن، ھۆكۈمەت باش كاتىپى قادان كابەن ئوغلى(قازاق مىللىتىدىن)، ئاتالمىش ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇن خۇڭمېي، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە سېكىرتارى ياڭ شيۇلى قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ماشىڭرۇي بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، «شىنلاڭ» تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىدا بىر تۈركۈم سودا توختاملىرى تۈزۈلگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

يە ئاپرېل 2 , 2023
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

You May Like