مارىلاند شتاتى رايون ئۇنېۋرستىتلىرى ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۋىتىدۇ !

مارىلاند شتاتى رايون ئۇنېۋرستىتلىرى ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۋىتىدۇ!

مارىلاند شتاتى رايون ئۇنېۋرستىتلىرى ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۋىتىدۇ!

مارىلاند شتاتىدا رايون ئۇنېۋرستىتى ھەقسز

 

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرئان (ئۇيغۇر ئاگېنىتىلىقى )

(ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالى مائارىپ تارىختىدىكى ھەر قانداق بىر چاغدىكىدىن زۆرۈر ، ئامېرىكىدىكى بولۇپمۇ پايتەخت ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى )

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن سملىق تېلىۋزىيەسى ،ۋاشنگىتون پوچتىسى،كولۇمبىيە رادىئو ئستانسسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە،مارىلاند شتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسدىن بولغان شتات باشلىقى لاررى خوگان بۇ ھەپتە مارىلاند شتاتىدىكى 16 رايون ئۇنۋېرستىتىنىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كېرىملىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىدىغان بىر قانۇن لايىھىسگە ئىمزا قويىدىكەن.

شتات باشلىقى ئشخانىسى باياناتچىسى ئامىلا چاسسى مۇنداق دىدى:<<شتات باشلىقى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ غايىسگە ئىرىششى ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ كەلدى،ئۇ  بۇ قانۇن لايىھىسگە ئىمزا قويۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.>>

مارىلاند شتاتى ئومۇمى قۇرۇلتىي ئۆتكەن ئايدا 15 مىلىيون دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپاتى تەسس قىلغان بولۇپ،ھەر بىر ئوقۇغۇچى 5000 دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالايدىكەن،مۇكاپاتنى مارىلاند شتاتىدا تۇرىدىغان ،تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن،بۇ قانۇن 2019-يىلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

پىرىزدىنىت ئوباما 2015-يىلى رايون ئۇنېۋرستىتلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققىنى بىكار قىلىش پىروگىراممىسنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،ھازىرغىچە ئامېرىكىدا ،تېننسى،ئورىگون،رود ئارىلى،نىيۇ يورك ۋە سان فىرانسسكو قاتارلىق شتات ۋە شەھەرلەر بۇ خىل ھەقسز ئوقۇش تۈرىنى يولغا قويغان.

رايون ئۇنېۋىرستىتى (ئىجتىمائى رايون ئۇنېۋېرستىتى Community College  )ئامېرىكىدا تولۇق ئوتتۇرىدىن كىين قاتنىشىدىغان ،مۇنتىزىم مەكتەپلەرگە ئوخشاش سۈپەتلىك مائارىپ ۋە ئىناۋەتلىك دىپلوم تەمىنلەيدىغان ،ئەمما ئوقۇش پۇلى ئەرزان ،دەرس ۋاقتىنى كونتىرۇل قىلىش بىر ئاز قولاي بولغان مائارىپ سستىمىسى بولۇپ،ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشۋاتقان ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش پىروگىراممىسدىن بىرى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

2018-يىلى ئامېرىكىدىكى ئون ياخشى خىزمەت

پە ماي 10 , 2018
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان (ئامېرىكىدىكى ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ 100مىڭ دوللارلىقتىن ئارتۇق كېرىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن )

You May Like