مالايسىيا پىرزدېنتى ماخاتر مۇھەممەد «ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلدى ، چۈنكى ئولار ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئەمەس » دېدى

مالايسىيا پىرزدېنتى ماخاتىر مۇھەممەد دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇلتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىين، مالايسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قېچىپ چىققان 11 مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، چۈنكى ئولارنىڭ ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

رۇتىر ئاگېنتلىقى

جوسىف سپالان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 15- ئۆكتەبىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: رۇسسۇ

  [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]  

مالايسىيا پىرزدېنتى ماخاتىر مۇھەممەد دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇلتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىين، مالايسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قېچىپ چىققان 11 مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، چۈنكى ئولارنىڭ ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى  سۆزلەپ ئۆتتى.

رۇتىر ئاگېنتلىقىنىڭ  بۇ 11 كىشىنىڭ ئادوۋكاتىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالايسىيا خىتاينىڭ ئولارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش تەلپىگە قولاق سالماستىن ئولارنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويغان.

ماخاتىر مۇھەممەد ئۇلار قويۇپ بىرىلگەندىن كىينكى تۇنجى پارلامىنت يىغىندا مۇخبىرلارغا   قىسقىچىلا  «ئولار بۇ دۆلەتتە ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدى، شۇڭا ئولارنى قويۇپ بەردۇقدېدى.

مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن  سايلامدا غەلبە قىلغان ماخاتىر ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەسلىدە خىتاي كارخانلىرىغا بېرىلگەن 20 مىليارد دوللارلىق قۇرلۇش توختامىنى بىكار قىلىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلشى ئەسلىدىنلا يىرىكىلشىپ كەتكەن بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋېتىشى مۇمكىن.

خىتاي بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە جۈمە كۈنى مالايىسيانىڭ بۇ 11 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سېلىش قارارىغا «قەتئي ۋە كەسكىن » قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدىغان مالايسىيادىكى ئادۇۋكاتلار  ئۇيغۇرلارنى ئىنسانىيلىق نوقتسىدىن تۇرۇپ سوتلاش ئېلپ باردى، دېدى ئۇلارغا مەسئۇل ئادوۋكات .

رۇتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 2- ئايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرلىشى توغرۇلۇق خىتاينىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدىبەزى غەرب جەمىيەت ۋە تەشكىلاتلىرى مالايسىيانى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلققا ئۈندىگەن، شۇنداقلا قايتۇرۇلسا خىتاي تەرپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

بىيجىڭ ھۆكۈمىتى غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركستان) دىكى ئۇيغۇلارنىڭ ئارىسدىكى بۆلگۈنچى ۋە ئاشقۇنلارنى بۇ رايۇن ۋە باشقا جايلاردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ھوجۇم قىلش ۋە پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەر  بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي بولسا شنجاڭدىكى ( شەرقىي تۈركىستاندىكى ) كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، قىيناش، لاگىرلاغا سولاش، نازارەت قىلش، دىني ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن چەكىلمە قويۇش قاتارلىق ناتوغرا  قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىپلەنمەكتە.

بىر قانچە يىلدىن بېرى يۈزلىگەن ، بەلكىم مىڭلىغان ئۇيغۇر مەخپىي ھالدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن قېچىپ تۈركىيەگە بارغان بولىشى مۈمكىن .

مەنبە:

https://www.reuters.com/article/us-malaysia-uighurs/malaysias-mahathir-says-uighurs-released-because-they-did-nothing-wrong-idUSKCN1MP09J?utm_source=applenews

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

بىر ئۇيغۇر ئەر ختتايغا قايتۇرۇلماقچى:خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن جىددىي چاقىرىق

دۈ ئۆكتەبىر 15 , 2018
بىر ئۇيغۇر ئەر مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمەكتە[1] ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مۇئەززىنلىك قىلىپ كەلگەن ئابدۇجېلىل سۇپى ئەمىرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا.

You May Like