مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىگە مالايسىيانىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد سابۇ (Mohamad Sabu) مالايسىيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىگە سۈكۈت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالاي پوچتىسى تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 20 – ئاپرېل

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللا

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-20

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

 مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد سابۇ (Mohamad Sabu) مالايسىيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىگە سۈكۈت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن مالايسىيانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇتقان مەيدانى بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىگە تۇتقان مەيدانىنىڭ پەرقىنى سورىغان.

بۇ مىنىستىر يېقىنقى بىر زىيارەتتە، مالايسىيانىڭ ئىزچىل دىپلوماتىك يوللار بىلەن خىتاينىڭ ئازسانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

 « بىز داۋاملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاستىدا دىپلوماتىك يوللارنى قوللىنىمىز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ھەر قېتىم يىغىن ئاچقاندا خىتايدا يۈز بەرگەن مەسىللەرنى تىلغا ئالىدۇ. بەلكىم سىرىتقا ئاشكارىلانمىغان بولىشى مۇمكىن،  ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك يوللار بىلەن مۇنازىرە قىلىنغان.»

مۇھەممەد سابۇ ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيىنى ئۇچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلاردا قۇرقۇنۇشلۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر چىقىۋاتقان بولسىمۇ، مالايسىيا ھۆكىمىتى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان  سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىدۇ دېگەن سۇئالغا دۇچ كەلدى .

ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« بۇ مەسىلە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىندى. بىز كۆپىنچە مۇداپىئە سىياسىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە  قىلىمىز، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن دۆلتىمىز ئارىسىدىكى تالاش تارتىش بولىۋاتقان جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار ياكى تالاش تارتىش بولىۋاتقان يەرلەر مەسىلىلىرى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىكى دۆلەت ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز كۆپىنچە بۇ خىل ئىشلارنى مۇزاكىرە  قىلىمىز.»  

 

*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

مەنبە:

https://www.malaymail.com/news/malaysia/2019/04/20/minister-denies-malaysia-being-silent-in-chinas-treatment-of-uyghur-muslims/1745239

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەسەر: ياپونىيە ئارمىيەسى:ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۈش كارىدورى»

شە ئاپرېل 20 , 2019
بۈيۈك ياپونىيە ئىمپىرىىيەسى قوروقلوق ئارمىيەسى: بىز تېخى بىلمىگەن سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۇروش ستراتىگىيەسى-----ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۇش كارىدۇرى»

You May Like