مالاي مىنىستىر ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى رادىكال دېگەن مالايسىيالىق خىتاينى ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

مالايسىيانىڭ ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سەييىد سادىق سەييىد ئابدۇراخمان (Syed Saddiq Syed Abdul Rahman) مالايسىيالىق خىتاي يازغۇچى چيۇ گۇاڭياۋ نىڭ (丘光耀) ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى «رادىكاللار» دەپ سۈپەتلىشىدىن غەزەپلەندى.

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: سەبرى

 

2019-يىلى 21-ئۆكتەبىر

مالايسىيانىڭ ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سەييىد سادىق سەييىد ئابدۇراخمان (Syed Saddiq Syed Abdul Rahman) مالايسىيالىق خىتاي يازغۇچى چيۇ گۇاڭياۋ  نىڭ (丘光耀) ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى «رادىكاللار» دەپ سۈپەتلىشىدىن غەزەپلەندى. 

 

https://twitter.com/SyedSaddiq/status/1185509813536473088

ئۇ ئۆزىنىڭ فېيسبوك ۋە تۋېتتېر ھېسابىدا مۇنۇ ئۇچۇرنى يازدى:« ئۇيغۇرلارنى قوللىغان مالايلارغا رادىكاللىق قالپىقى كەيدۈرۈلدى. ئەگەر بۇ ئىرقچىلىق بولمىسا، مەن نېمىنىڭ ئىرقچىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.»

 

سەييىد سادىق ئۇچۇرىدا چيۇ گۇڭياۋنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ توغرىسىدىكى ھەجۋىي رەسىملىك كىتابىدىن بىر دانە ئۆزۈندە يوللىغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئىسلامى رادىكاللىق توغرىسىدىكى مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان. 

 

 

بۇ ئۆزۈندىدە مۇنۇلار يېزىلغان:« رادىكال مالاي ياشلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر سىياسىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى سەۋەبلىك، ئۇلاردا خىتاي دۆلىتىگە نىسبەتەن سەلبىي قاراشلار شەكىللەنگەن.» 

 

«بۇ بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئۆملۈكىگە تەھدىت سالغان ئۇيغۇرلارنى چەكلىشى بىلەن ئالاقىلىق.»

 

مالايسىيادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان- «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ (Muslim Youth Movement of Malaysia) بىلدۈرۈشىچە، چيۇ گۇاڭياۋنىڭ ھەجۋىي رەسىملىك كىتابىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىكەن. 

 

«مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى»نىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد فەيسال ئابدۇلئەزىز  (Muhammad Faisal Abdul Aziz) مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بۇ ھەجۋىي رەسىملىك كىتابنىڭ مەزمۇنىغا قاراپلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلارنى رادىكال دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ كىتاب يەنە مۇسۇلمانلار تېررورچى گۇرۇپپىلارنى قوللايدۇ دېگەنگە ئىما قىلىدۇ.» 

 

مالايسىيا مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇ كىتابنىڭ مەكتەپلەردە تارقىتىلىشىنى چەكلىگەن. 

 

مەنبە: malaysiakini, The Star Online

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى- تۇرسۇنگۈل زىياۋۇدۇن

دۈ ئۆكتەبىر 21 , 2019
«شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى»يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ ئۈچىنچىسى، لاگىردىن ھايات قۇتۇلغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىرى -تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن .

You May Like