لى يەنخۇڭ بەيدۇ تارماق شىركىتىدىن چېكىندى. تارىخ تەكرار ئىشىك قاقىدۇ، دەرس ئالغان ئالدى ئالمىغان قالدى.

خىتاي IT تېخنىكىسىدىكى كاتتىۋاشلاردىن ما يۈن، ما خۇا تېڭ، ليۇۋ چۈۋەن جى قاتارلىقلاردىن كېيىن بەيدۇ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لى يەنخۇڭ بەيدۇنىڭ تارماق شىركىتىدىن چېكىندى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-يىلى 9-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

خىتاي IT تېخنىكىسىدىكى كاتتىۋاشلاردىن ما يۈن، ما خۇا تېڭ، ليۇۋ چۈۋەن جى قاتارلىقلاردىن كېيىن بەيدۇ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لى يەنخۇڭ بەيدۇنىڭ تارماق شىركىتىدىن چېكىندى.

ئىككى ما فامىلىلىك كاتتىباشنىڭ ئۆزى بىر قوللاپ قۇرغان، قان تەرى سىڭگەن خىتايدىكى باشلامچى كارخانىلار قاتارىغا ئۆتكەن ئەمگەك مېۋىسىدىن ۋاز كېچىشى تاسادىپىي ئىش ئەمەس ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئايدىن باشلاپ جېجياڭ ئۆلكىسىدە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا «ئالاھىدە ھەيئەت» ئەۋەتىپ، ھۆكۈمەتكە ئالاقىدار ئىشلارغا ياردەم قىلىدۇ دىگەن چىرايلىق ئىسىم يەرلەشتۈردى. ئەمەلىيەتتە بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قۇلاقلىرى بولۇپ شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ئەھۋال مەلۇم قىلىشتىن باشقا ئىش يوق ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا پرىزدىنتى تىرامپنىڭ ئوكرائىنا پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفۇن پاراڭلاشمىسىنى دەل مۇشۇنداق كۆز – قۇلاقلار ئاشكارىلىغان بولۇپ، تىرامپقا ئەكىس تەسىرى زور بولدى. خىتاينىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا كۆز -قۇلاق يوللىشى بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ ،1950-يىللىرىدا چاۋشىيەن ئۇرۇشىنىڭ ئالدى -كەينىدىمۇ ئوخشاش ئىش يۈز بەرگەن. ئۇ زاماندا كەلگەن «ئالاھىدە ھەيئەت » ھەربىي قىسىمدىن كەلگەن بولۇپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك كارخانا خوجايىنلىرىنى بۇلاپ- تالاشنى مەقسەت قىلغان. بەرمىگەنلەرگە ئۇدۇل قورال تەڭلەپ قىستاپ ئالغان. بۇ ئىش ئۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن بولۇپ بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلغاچ بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي ئىگىلىك كارخانىلىرىنى بۇلاپ تالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى باي پومىچىكنى پاش قىلىش نامىدىكى ئاكتىپلىققا تەشكىللەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىغان.

ئىككى ما فامىلىلىك خوجايىنلار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇ «شانلىق تارىخىنى» بىلگەچكە سۇ بېسىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى چەتكە ئالغان. خىتاي ئەمەلدارلىرىدا بىر ئادەت بولۇپ، ئۆزى بۇرۇن ئەمەل تۇتقان يەردىن ئۆز ئادىمىنى تاللاپ، ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدىغان ۋە بىر يېڭى سىياسەتنى سىناپ باقماقچى بولسا شۇ يەردە تەجرىبە قىلىدۇ. شى جىنپىڭ 2002-يىلدىن 2007-يىلغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىدە بىرىنچى قول بولۇپ ئىشلىگەن. رەئىس بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقى قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنى كۆپ ئىشلەتتى. بۇ قېتىم خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا كۆز-قۇلاق يوللاشتا يەنە جېجياڭدىن باشلاپ ئاۋۋال خاڭجۇدىكى 100شىركەتكە كۆز -قۇلاق يوللىدى. 9-ئاينىڭ بېشىدا گوۋۇيۈەن تارقاتقان ھۆججەت خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا قاراتقان ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ھەتتا مەركىزى بانكا ئەلى بابانىڭ جى فۇباۋ (支付宝) كونتروللۇقىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مايۈن ئىككى بال شامالدىن تەيفېڭ بورىننىڭ پۇرىقىنى ئېلىپ دەرھال ئورنىنى بوشاتتى. چۈنكى خىتايدا پۇل تاپقان كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاپاق چاپاق بولماي پۇل تاپالمايدۇ. گېلى پوقنىڭ كۆتى ئەلۋەتتە پوق بولىدۇ. بېشىغا ئىش كېلىشتىن بۇرۇن چىرايلىقچە دەم ئېلىشقا چىقىپ، تاپقان پۇلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ جان ئالمىغانغا خوش بولىدۇ.

شۇنداق خىتاينىڭ IT ساھەسىدىكى كاتتىۋاشلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇن بوشىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ تاپقان پۇلىغا كۆز تويماي خۇسۇسىي ئىگىلىك كارخانىلىرىغا قارا قولىنى ئۇزاتتى.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ «كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى» (赤裸裸的共产党) دېگەن كىتابنى ئۇقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شۇنداق تارىخ توختىماي تەكرارلىنىدۇ. ئاتىلىرىمىز دېگەندەك پەلەكنىڭ چاقى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ ھەممە مىللەتنىڭ ماقال-تەمسىل، ھىكمەتلىرىدە بار سۆز. لېكىن قانچىلىك ئادەم ئىبرەت ئالىدۇ!؟

كوممۇنىست خىتاي چاۋشىيەن ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن خەلقنى بولاپ تالىغان. بۇ قېتىم يەنە قول سالدى ….

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بۇ ۋاقىتتا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدۇ؟

پە ئۆكتەبىر 10 , 2019
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى كوررېكتور: سەبرى 2019-يىلى 10-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى   [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] ئامېرىكا تاشقى ئىشلار […]

You May Like