رەسم كۆرگەزمىسدىن خۇلاسە:14 دۆلەت،30 شەھەردە ،20 تاراتقۇ!
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى.
12-ئاپرىل،ۋاشنگىتون.
1
ئۇيغۇرلار ئۇچۈن ھەرىكەت قۇرغۇچىسى،بىر ئاۋاز ،بىر قەدەم ھەرىكىتى تەشكىللىگۇچىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا،كانادا،تۇركىيە ۋە ياۋروپادىكى گوللاندىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ 30 گە يېقىن شەھىرىدە ختتاينىڭ جىنايى قىلمشلىرىنى پاش قىلىش-21-ئەسردىكى يېغىۋىلىش لاگىرلىرى تېمىسدا رەسم كۆرگەزمىسى ئۆتكۇزۇلدى.
كۆرگەزمە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى جانلىق سۇرەت پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بىرشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،ھەر قايسى جايلاردىكى يەرلىك كۆرۇرمەنلەرگە ختتاي كومپارتىيەسنى پاش قىلشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
روشەن ئابباس خانىم مۇنۇلارنى بىلدۇردى:ئۇيغۇر مىللىتى ناھايتى جىددى بىر تارىخى پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ،پۇتۇن كۇچىمىز بىلەن ھەرىكەتكە كىلىپ،ختتاينىڭ جىناي قىلمشلىرىنى پاش قىلمىساق،خەلقئارانى ختتاينى توختتىشقا چاقىرىق قىلمىساق، ۋەتەندىكى جانۇ-جان ،قانۇ-قان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھال-ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەر ئىچىدە قالىدۇ،
ئۇيەنە مۇنداق دىدى:مىنىڭ بۇ ئاي بۇ كۇنلەردە مىللىتىمنى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا ھىچقانداق ئىچكى زىددىيەت،جىدەل-ماجرالار ھەققىدە،شەخسى زىددىيەتلەرگە چۆمۇلگەن ئۇششاق ئشلار ھەققىدە پاراڭلاشقۇم،مۇنازىرلەشكۇم يوق،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر خانىم قىزلار،سڭىللار ھەدىلەر مىنىڭ بۇ چاقىرىقىمنى ئاكتىپ قوللىدى،ئۇلار جاپا چەكتى،ئۇلارغا مىڭلاپ رەھمەت ئىيتىمەن.بولۇپمۇ رەسملەرنى تاللاش،رەتلەش،بېسپ چېقىرىش،لايىھەلەش ئشلىرىدا نەچچە كىچە ئۇخلىماي ئەمگەك قىلغان ئىنىم بەھرام سنتاشقا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن.ئىجارە ئورۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،مىديا چاقىرىش قاتارلىق ئشلاردا يېنىمدا تۇرغان بارلىق ئىنى-سڭللارغا رەھمەت ئىيتىمەن.
كانادا،ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆرگەزمىگە يەرلىك ئاساسلىق مدىيالار قاتنىشپ ،خەۋەر قىلغان بولۇپ،جامائەت ئارسىدا ناھايتى كۇچلۇك تەسرلەرنى قوزغىغان.ئامېرىكا ئاۋازى،ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى،كرىستان ئىلمى رسالىسى،كانادا خەۋەرلىرى ،گوللاندىيە تاراتقۇلىرى قاتارلىقلار نەق مەيدانغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى.ۋە خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر كۆرگەزمە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسنى ئاڭلىتىش يولىدا داۋاملىق قەتئى ئىرادە بىلەن كۆرەش بىلەن قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيدۇ.