لاگېر شاھىتلىرى شىۋىتسارىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ياۋروپا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى،شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار 27- سېنتەبىردىن 30- سېنتەبىرگىچە شىۋىېتسارىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.

 

لاگېر شاھىتلىرى شىۋىتسارىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى 

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ئۆكتەبىر 

« ياۋروپا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى»، « شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق تەشكىلاتلار 27- سېنتەبىردىن 30- سېنتەبىرگىچە شىۋىېتسارىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

پائالىيەتكە لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم، «ياۋروپا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىم، « شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدە 27- سېنتەبىر كۈنى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،پائالىيەت زۈرىختىكى شىپخەرەس كۇتۇپخانىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت جەريانىدا لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. پائالىيەتكە يۈزلەرچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى لاگېر شاھىتلىرىدىن جازا لاگېرلىرى ۋە قۇل ئەمگىكى ھەققىدە سوئاللار سوراشتى. 28- سېنتەبىر 29 – سېنتەبىر كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ پايتەختى بەرىندە شىۋىتسارىيە پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق پائالىيىتى ۋە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان كۇتۇپخانىلارغا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى » دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلدى. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

شىۋىتسارىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت جەريانىدا لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئىرقى قىرغىنچىلىققا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر تەرەپ تۇرۇشىنىڭ جىنايەتكە شېرىك بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى

بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن « شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» رەئىسى ئەندىلى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:« بۇ نەچچە كۈنلۈك پائالىيەت ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ب د ت دا داۋاملىق ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»

   30- سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ ، ياۋروپا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەسقەرجان ئەپەندىم مەلۇمات بېرىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى ۋە خەتەر ئىچىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى،قاتارلىقلار بىرلىكتە ئېلىپ باردى، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېقىندىن ماسلاشتى ، بۇ قېتىمقى ئاساسلىق مەزمۇن شىۋىتسارىيە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نىمىلەرنى قىلالايدۇ دېگەن تېمىدا بولدى دەيدۇ.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئېلون ماسك: ئۇكرائىنا قىرىمدىن ۋاز كېچىشى شۇنداقلا بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك

سە ئۆكتەبىر 4 , 2022
ئېلون ماسك: ئۇكرائىنا قىرىمدىن ۋاز كېچىشى شۇنداقلا بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك

You May Like