لاگېر شاھىتلىرى چېخيەدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

لاگېر شاھىتلىرى قەلبىنۇر سىددىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار چېخيەدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

 لاگېر شاھىتلىرى چېخ جۇمھۇرىيىتىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى 2022-يىلى 13-ئۆكتەبىر

.لاگېر شاھىتلىرى قەلبىنۇر سىدىق خانىم  ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار چېخ جۇمھۇرىيىتىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى


« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ھەيئىتى بىلەن  ياپونىيەدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياۋروپاغا قايتىپ كەلگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە شىۋېتسارىيەدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ  چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگادا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.

بۇ ھەقتە توختالغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم مۇنداق دېدى :«چېخ پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن پالاتالىرىدا گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق، چېخنى جۈملىدىن ياۋروپانى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىش ۋە خىتايدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدۇق.»

قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە ياۋروپا پارلامېنتلىرى ۋە چېخ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «ب د ت »دىكى 17گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن مەغلۇپ بولۇشتىن ھەرگىزمۇ ئۈمىتسىزلەنمەسلىك ۋە بۇنىڭ بەلكى خىتايغا قارشى رەسمىي « ب د ت» دىكى دىپلوماتىيە ئۇرۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىگە مەدەت بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

قەھرىمان لاگېر شاھىتلىرى يەنە 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پىراگادا ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. پائالىيەت جەريانىدا پىراگادىكى  چارلېز ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيەلەر ۋە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لاگېر شاھىتلىرى يەنە  ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى پائالىيەتلەردىن كېيىن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرۇپ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان.

رەسىم مەنبەسى: قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتى

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»گە: كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

دۈ ئۆكتەبىر 17 , 2022
تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»گە: كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقىي ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

You May Like