كىرودىيە رەسمىي ھالدا ياۋروپا شېنگېن دۆلەتلىرى قاتارىغا كىردى، بۇلغارىيە بىلەن رۇمىنىيەنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى

كىرودىيە رەسمىي ھالدا ياۋروپا شېنگېن دۆلەتلىرى قاتارىغا كىردى، بۇلغارىيە بىلەن رۇمىنىيەنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى

 كىرودىيە رەسمىي ھالدا ياۋروپا شېنگېن دۆلەتلىرى قاتارىغا كىردى، بۇلغارىيە بىلەن رۇمىنىيەنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىندى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 9-دېكابىر

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-دېكابىر بىريۇسسېلدا يىغىن ئېچىپ كىرودىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ياۋروپا شېنگېن رايونىغا كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا بېلەت تاشلىغان. نەتىجىدە كىرودىيەنىڭ ئىلتىماسى يۈز پىرسەنت ئاۋاز بىلەن ئۆتۈپ، قالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلتىماسى ئاۋسترىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقتىن ئۆتمىگەن.

شېنگېن دۆلەتلەر رايونى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 22 دۆلەت شۇنداقلا نورۋېگىيە، لىچتېنشتېين، ئىسلاندىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ئادەتتە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا كىرىپ چىقىشتا چېگرا تەكشۈرۈشى بىكار قىلىنغان.

«شېنگېن رايونى» نىڭ كېلىپ چىقىشى: 1985-يىلى 14-ئىيۇن غەربى گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق بەش دۆلەت ۋەكىللىرى لىيۇكسېمبۇرگ قا جايلاشقان شېنگېن Schengen كەنتىدە  بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىدىكى چېگرا تەكشۈرۈشلىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم ئۆ نۆۋىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەم بولۇپ ھېسابلانغان. 

مەزكۇر كېلىشىم 1995-يىلى 26-مارتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر رستۇرانلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا قىزىزىق نۇقتا بولدى.

جۈ دېكابىر 9 , 2022
ئۇيغۇر مەسلىسى ۋە ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق نەرسسى ئاستا-ئاستا سەھنىگە چىقىشقا باشلىدى.ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مەسلىسنى تونۇتقان بولسا،ئۇيغۇر رستۇرانلىرى -ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە مەدەنىيتىنى تونۇتماقتا.

You May Like